سىياسىي پائالىيەتچى، جامائەت ئەربابى ۋە ژۇرنالىست رىزا سەمەدى ۋاپات بولدى
2024.12.30
ھاياتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك ئىشلىرىغا بېغىشلىغان تونۇلغان سىياسىي پائالىيەتچى، جامائەت ئەربابى، پېشقەدەم ژۇرنالىست رىزا سەمەدى 29-دېكابىر كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە 86 يېشىدا ۋاپات بولدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە، جۈملىدىن قازاقىستاندا راۋاجلىنىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى بىرلىك ئىتتىپاقلىقىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن رىزا سەمەدىنىڭ ۋاپاتى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور يوقىتىش دەپ قارالماقتا.
رىزا سەمەدى 1960-يىللارنىڭ باشلىرىدا خىتاي-سوۋېت ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى بۇزۇلغاندىن كېيىن، يەنى 1960-يىللاردىن 1980-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا داۋاملاشقان خىتاي-سوۋېت ئارىسىدىكى كەسكىن تەشۋىقات ئۇرۇشلىرىغا شاھىت بولغان پېشقەدەم ژۇرنالىست ھېسابلىنىدۇ. 1938-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان رىزا سەمەدىنىڭ ھاياتى ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىردىكى تىراگېدىيەلىك سىياسىي تەقدىرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىقتۇر.
رىزا سەمەدى 1944-يىلى غۇلجانى پايتەخت قىلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە سىياسىي ئەرباب زىيا سەمەدىنىڭ ئوغلىدۇر. زىيا سەمەدى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە مۇھىم ۋەزىپە ئۆتىگەن شەخس بولۇپ، كوممۇنىست خىتاي ئىشغالىيىتىدىن كېيىن، يەنى 1950-يىللاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازىرىتىنىڭ نازىرى، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. ھالبۇكى، كوممۇنىست خىتاينىڭ 1957-يىلىنىڭ ئاخىرى باشلانغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىغا زەربە بېرىشنى نىشان قىلغان «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكىتى» دە زىيا سەمەدى نۇقتىلىق زەربىگە ئۇچرىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى كەسكىن ھەم خەتەرلىك سىياسى مۇھىتى 1961-يىلى ئەمدىلا 23 ياشقا كىرگەن رىزا سەمەدىنىڭ دادىسى زىيا سەمەدىگە ئەگىشىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىشىگە ۋە قازاقىستاندا ئولتۇراقلىشىشىغا سەۋەب بولغان.
رىزا سەمەدى دادىسىغا ئەگىشىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن يىللاردا خىتاي-سوۋېت مۇناسىۋىتى ئۈزۈل-كېسىل بۇزۇلغان. ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى دىپلوماتىك سۈركىلىش ناھايىتى تېزلا چېگرا توقۇنۇشى ۋە تەشۋىقات ئۇرۇشىغا ئايلانغان. رىزا سەمىدىنىڭ ژۇرنالىستلىق ھاياتى سوۋېت-خىتاي ئارىسىدىكى بۇ تەشۋىقات ئۇرۇشى بىلەن باشلانغان.
1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىقىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، رىزا سەمەدى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينىغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان. نۆۋەتتە چەت ئەللەردىكى ھەرقايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن تەزىيەنامە ئېلان قىلىپ، رىزا سەمەدىنىڭ ۋاپاتىغا بولغان چوڭقۇر قايغۇسىنى بىلدۈرمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، 29-دېكابىر كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان مەرھۇم رىزا سەمەدى، شۇ كۈنى ئالمۇتادىكى ئۇيغۇر جامائىتى تەرىپىدىن جىنازا نامىزى ئوقۇلۇپ يەرلىككە قويۇلغان.