«ۋال-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 5-مارتتىكى ئوبزور ماقالىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن بولىدىغان سودا ئۇرۇشىنىڭ ئۆزلىرىنى ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىدەك ھالاك قىلىۋېتىشىدىن بەكمۇ زور ئەندىشە قىلىشقا ئۆتكەن.
ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، دونالد ترامپ پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغان كۈننىڭ ئۆزىدىلا بۇ ئەندىشە باشلانغان. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ شۇ ۋاقىتتىلا ئۆز ياردەمچىلىرىنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا-سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا يىللاپ داۋام قىلغان «سوغۇق ئۇرۇش» نىڭ تەپسىلاتىغا قايتىدىن قاراپ چىقىشقا بۇيرۇغان. چۈنكى شى جىنپىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قېلىشىدىن بەكمۇ زور ئەندىشىدە بولۇپ كەلگەن. بولۇپمۇ سودا ئۇرۇشىنىڭ چۇقانلىرى ئوتتۇرىغا چىقىپلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مېكسىكا ۋە كانادا، شۇنداقلا ياۋروپا دۆلەتلىرىنى بۇ مەسىلىدە ئەندىشىگە سالغانلىقى خىتايغا راۋرۇس تەسىر كۆرسەتكەن.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە ئىچكى جەھەتتە ئىقتىسادىي ساھەلەردە ھالسىراپ قېلىۋاتقانلىقتىن، شى جىنپىڭ ئىزچىل مۇداپىئە كۆرۈش ئورنىدا تۇرۇپ قالماقتا ئىكەن. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا سودا سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىۋېلىشقا بەكمۇ ئېھتىياجلىق ئىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سودا ئۇرۇشىنى يېڭى پەللىگە ئېلىپ چىقىشى، شۈبھىسىزكى خىتايغا بەكمۇ زىيانلىق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇقەررەر ئىكەن. ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ، «بۇ يالغۇز سودا ئۇرۇشىلا ئەمەس. دۇنيادىكى ئىككى زور ئىقتىساد ساھىبى ھازىر بۇنىڭ خىتاي ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بەكمۇ ياخشى چۈشىنىدۇ: بۇ ‹سوغۇق ئۇرۇش› دەۋرىدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان زور كۈچلەر كۈرىشى بولۇپ، بۇنىڭ پۈتۈن مەزمۇنى ئىقتىساد، تېخنولوگىيە ۋە دۇنياۋى سىياسىي جۇغراپىيە مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ» دەيدۇ. شۇنداقلا بۇ ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدىلا ئامېرىكا ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.
ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئۇكرائىنادىكى مەسىلىلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن دىققىتىنى خىتايغا مەركەزلەشتۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان بولۇپ، روسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىكنىڭ پەسكويغا چۈشۈشىمۇ دەل مۇشۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.