ئامېرىكا بىلەن خىتاي «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» غا كىرىۋاتامدۇ؟

يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بارغانسېرى يىرىكلىشىپ مېڭىشى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئومۇمىي ئالاقىنى يېڭىدىن باشلىنىۋاتقان «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» دەپ تەسۋىرلەشكە يۈزلەنمەكتە. بولۇپمۇ ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنسىتىرى ئانتونى بىلىنكېن ئۆتكەن ھەپتە پارىژ شەھرىدە «نيو-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «ئەركىنلىك دۇنياسىنى خىتاينىڭ تەسىرىدىن قوغداشتا ئامېرىكا بىلەن فرانسىيە بىر قېيىقتا ئۈزىۋاتىدۇ،» دېگەن.

CNN ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزور ماقالىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئانتونى بىلىنكېن تىلغا ئالغان بۇ مەسىلە ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ «دېموكراتىيە ھازىر ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ يەنە بىر قېتىم تەكرارلىنىىشى ئىكەن. يەنە كېلىپ ئىلگىرىكى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» مەزگىلىدە ئامېرىكا بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئىدېئولوگىيەلىك توقۇنۇشنى مەركەز قىلغان بولسا، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» باشقىچە خاراكتېردە ئىپادىلەنمەكتە ئىكەن. بولۇپمۇ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە ئالدىراش بىلەن بىرگە تىنچ ئوكياندىن ھالقىغان ھالدا زۇلۇم ۋە زومىگەرلىكنى تاشقىي دۇنياغا كېڭەيتىش بىلەن مەشغۇل بولماقتا ئىكەن.

ئوبزوردا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدا دېموكراتىيەگە قارشى ئۇرۇش قوزغىشى نامەلۇم بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ داۋام قىلىشى ئېنىق، دەپ قارالماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ خىتاي مىللەتچىلىكى خاھىشىنى كۈچەپ بازارغا سېلىشىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنى ساقلاپ قېلىش ھىيلىسى ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش قارا نىيىتىنىڭ ئاشكارىلىنىشى ئىكەنلىكى ھەققىدە ھازىر كۆپ خىل پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن.