تىنچ ئوكياندىكى 650 مىڭ نوپۇسلۇق ئارال دۆلىتى بولغان سولومون ئاراللىرى يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتى كۆز تىكىپ كېلىۋاتقان نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەنىدى. بولۇپمۇ مارت ئېيىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سولومون ئاراللىرى ھۆكۈمىتى بىلەن بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالىماقچى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن سولومون ئاراللىرى ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنىدى.
ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي بىلەن سولومون ئاراللىرى ھۆكۈمەتلىرى ئىمزالىماقچى بولغان بۇ كېلىشىمنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى تېخى جامائەتكە ئاشكارىلانمىغان. ئەمما ئۇنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىدا تىلغا ئېلىنغان مەزمۇنلار ئارىسىدا خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ سولومون ئاراللىرى ھۆكۈمىتىنىڭ «تەلىپى» بويىچە مەزكۇر ئارال دۆلىتىدە «ئىجتىمائىي تەرتىپ» نى ساقلاشقا مەسئۇل بولىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ ماددىي ئەشيا يۆتكەش ئېھتىياجى ئۈچۈن بۇ ئارال دۆلىتىگە كېلىشى ۋە توختىشىغا رۇخسەت بېرىلىدىغانلىقى دېگەندەك مەزمۇنلار بار ئىكەن.
يېقىندا بولسا بۇ كېلىشىمنىڭ مەزمۇنلىرى ئىچىدە يەنە خىتاينىڭ بۇ جايدا ھەربىي بازا قۇرماقچى بولۇشىغا رۇخسەت بېرىلگەنلىكىگە دائىر ماددىلارنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم بولغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى دەنىيل كرىتېنبرىنك (Daniel Kritenbrink) 25-ئاپرېل كۈنى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بىز بۇ تەرەققىياتنى دۆلىتىمىزنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ئۈچۈن ئېغىر خىرىس، دەپ قارايمىز. ئەگەر خىتاي بۇ دۆلەتتە ئۇزۇن مەزگىللىك ھەربىي بازا قۇرسا بىز ئۆز بىخەتەرلىكىمىز ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنى چەتكە قاقمايمىز» دېگەن. ئەمما سولومون ئاراللىرى ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولىدىغان بۇ كېلىشىمنىڭ ۋاقىتلىق خاراكتېردە بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇنىڭ پەقەت ئىچكى مەسىلىلەرنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈنلا ئوتتۇرىغا چىققان ھادىسە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ تۇرۇۋالغان.
دەنىيل كرىتېنبرىنك ۋە ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ خادىملىرىدىن كۇرد كەمپبېل (Kurt Campbell) سولومون ئاراللىرى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى سوگاۋار (Sogavare) بىلەن بىر يېرىم سائەتلىك يۈزتۇرانە سۆھبەتتە بولغاندىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرغان. يىغىندا كۇرد كەمپبېل «بىز سولومون ئاراللىرى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىمىز. ئەمما خىتاي بۇ جايدا ھەقىقىي مەنىدىكى ھەربىي بازا قۇرسا بۇ بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىز ئۈچۈن بىر ئەندىشە بولۇپ قالغۇسى. بۇنداق ئەھۋالدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېگىشلىك يوسۇندا جاۋاب قايتۇرىدۇ» دېگەن. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ئاقساراينىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى باياناتىغا ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدىكەن. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىمۇ بۇ مەسىلىدە ئۆزلىرىنىڭ «قىزىل سىزىقى» ئامېرىكا بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.
ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سكوت موررىسون (Scott Morrison) ئۆتكەن ھەپتە قىلغان سۆزىدە «خىتاي ھازىر تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلىرىگە ئېغىر بېسىم پەيدا قىلىۋاتىدۇ» دېگەن ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي بازا قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىشى ئۇلارنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب كۈچلىرىگە قارشى ئۇرۇش تەييارلىقىنىڭ بىر قىسمى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن سولومون تاقىم ئاراللىرى مەسىلىسى نۆۋەتتە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى قىزىق نۇقتىلاردىن بولۇپ قالماقتىكەن.