ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى سوتچىلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى دىققەت قوزغىدى
2021.04.01
بۈگۈن خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەش-قالدۇرۇش ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى.
دىققەت قوزغايدىغىنى، 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۇيغۇر رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان قارارغا ئاساسەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدىن تارتىپ، ھەرقايسى دەرىجىلىك يەرلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئەسلىدىكى سوتچىلىرى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلۇپ، يېڭى كىشىلەر ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن.
ئەدلىيە ساھەسىدىكى بۇ زور كۆلەملىك ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ۋە تەيىنلەش ھەرىكىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن خەلقئارادا كۈچلۈك بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان بىر مەزگىلدە بۇنداق زور كۆلەمدە ۋەزىپە ئالماشتۇرۇش قىلىشى گۇمان قوزغايدىكەن. ئۇلار بۇنىڭ جىنايەتلەرگە ئائىت پاكىتلارنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەش-قالدۇرۇش قارارنامىسىدە يەنە، ئىلگىرى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم سېكرېتارى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 14-دېۋىزىيەسى پارتكومىنىڭ 1-سېكرېتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ياڭ فاسېننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەنلىكىمۇ ئۇقتۇرۇلغان.