سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلى ئىنقىلابىغا ئائىت 1943-يىلىدىكى مەخپىي قارارىنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسى ئېلان قىلىندى


ئامېرىكىدىكى ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزى 1943-يىلى سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسى بىيوروسىنىڭ 4-ماي كۈنى ئوتكۈزگەن يىغىندا چىقارغان مەخسۇس «شىنجاڭ» مەسىلىسى ھەققىدىكى قارارىنى رۇسچىدىن ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدى.

ستالىن باشچىلىقىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيوروسىنىڭ 4-ماي كۈنى ئۇيغۇرلار رايونىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللاش ۋە ياردەم بېرىشكە ئائىت مەخپىي قارارىغا ئائىت مەزكۇر مەخپىي ھۆججەت ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن رۇسىيە ئالىملىرىدىن ۋالېرىي بارمىن تەرىپىدىن ئاشكارىلىنىپ، تەتقىق قىلىنغان ۋە بۇ مەخپىي قارار 2000-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر ۋە خىتاي تارىخ ساھەسىگە ئايدىڭ بولغان ھەمدە بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار رادىئومىز تەرىپىدىنمۇ تونۇشتۇرۇلغان ئىدى.

بۇ قېتىم ئامېرىكىدىكى ۋودروۋ ۋىلسون ئالىملار مەركىزى 1934-1949-يىللىرى ئارىسىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت بىر قىسىم مەخپىي ھۆججەتلىرىنى توپلاپ، ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغاندا مەزكۇر مەخپىي ھۆججەتنىڭ رۇسچە ئەسلى نۇسخىسىنىڭ كوپىيىسى بىلەن ئىنگلىزچە تولۇق تەرجىمىسىنى ئېلان قىلغان.

سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى سىياسىي بىيوروسىنىڭ مەزكۇر قارارىدا، شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرىگەنلىك قىلمىشىغا قارىتا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ شېڭ شىسەيگە قارشى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللاش ۋە تەشكىللەش، مەخپىي «مىللى گۈللىنىش گۇرۇپپىلىرى»نى قۇرۇش، مىللى ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللاش ئىشلىرىغا ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرى كوممۇنىستىك پارتىيە سېكېرتارلىرى ۋە مىنىستىرلار كېڭىشى رەئىسلىرىنى مەسئۇل قىلىش، مەخسۇس ئىنقىلابى تەشۋىقاتلارنى قانات يايدۇرۇش شۇنىڭدەك يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارىياتىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى ھەم باشقا بىر قاتار كونكرېت ۋەزىپىلەر بەلگىلەنگەن.

بۇ مەخپىي قارار 1944-1949-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي رايونىدا يۈز بەرگەن مىللى ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنىڭ پاكىتى ھېسابلىنىدىكەن.