سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسى سىنىقىنىڭ قۇربانلىرى قاتارىدا ئۇيغۇرلارمۇ بولغان


سوۋېت ئىتتىپاقى 1949 - يىلى، 8 - ئاينىڭ 29 - ئۈنى ئۆزىنىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى قازاقىستاننىڭ شەمەي ۋىلايىتىدىكى يادرو بازىسىدا سىناق قىلغان بولۇپ، قازاقىستاننىڭ ئىلى بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان ياركەنت، يەنى پانفىلوف شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر يىگىتى مەھەمەت ئەزىزوف ۋە ئۇنىڭ بىر قانچە نەپەر دوستلىرى سوۋېت ئارمىيەسى تەركىبىدە 1947 - يىلى شەمەي ئاتوم بازىسىنى قۇرۇش ئىشلىرىغا سېلىنغان ۋە - 1949 - 1952 - - يىللىرى كۆپ قەتىملىق ئاتوم بومبىسى سىنىقىغا شاھىد بولغان.

«ئۇيغۇر ئاۋازى»گېزىتىنىڭ مەھەمەت ئەزىزوف ھەققىدىكى ئەسلىمە ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەھەمەت ئەزىزوف، شەمەي ئاتوم بومبىسى سىناق مەيدانىنى ياساش ئىشلىرىغا بىر قانچە دىۋىزىيە ئىشلىتىلگەنلىكى، بۇ خىزمەتلەرگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسكەرلەرنىڭ 80%نىڭ ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تاجىك، ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلىرى بولغانلىقى، ئوفىتسېرلەرنىڭ كۆپىنچىسى رۇسلار ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ رۇسچەنى ياخشى بىلمىگەن بۇ ئەسكەرلەرنى خالىغانچە ھاقارەتلىگەنلىكى ھەم ئېغىر ئىشلارغا سالغانلىقىنى بايان قىلغان.

مەھەمەت ئەزىزوف 1952 - يىلى، بىر قېتىملىق ئاتوم بومبىسى سىنىقىدا كۆزى قارغۇ بولۇپ قالغاندىن كېيىن موسكۋاغا ئېلىپ بېرىلىپ ئۇزۇن ۋاقىت داۋالىتىلىپ ساقايتىۋېلىنغان.

ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا «ئۇرۇش - ئاتوم» ناملىق كىتابىنى يېزى خاتىرە قالدۇرغان بولۇپ ئۇ 2007 - يىئى 81 يەشىدا ۋاپات بولغان.

قازاقىستاندىكى شەمەي ئاتوم بازىسى 1991 - يىلى پرېزىدېنت نازاربايېف تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەن ئىدى.