ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزى ئارخىپىدىن سوۋېت سىياسىي بىيوروسىنىڭ 1945-يىلى، 22-ئىيۇندىكى ھۆججىتى ئورۇن ئالدى

يېقىندا ئامېرىكىدىكى ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىگە ئائىت ئارخىپلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ 1934-1949-يىللىرى ئارىسىدىكى ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت سىياسىي قارارلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر تەركىبىگە سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيوروسىنىڭ 1945-يىلى، 22-ئىيۇن كۈنىدىكى مەخسۇس «شىنجاڭ» ھەققىدىكى يىغىن قارارىنىڭ رۇس تىلىدىكى كوپىيىسى ۋە ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىسىنى كىرگۈزۈلگەن.

سوۋېت كومپارتىيىسى سىياسىي بىيوروسىنىڭ مۇتلەق مەخپى بۇ قارارى 7 ماددىدىن تەركىپ تاپقان.

ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزىنىڭ تورىدىكى بۇ ئارخىپ ھۆججىتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، سوۋېت سىياسىي بىيوروسى 1945 يىلى. 6-ئاينىڭ 22-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارى لاۋرېنتى بېرىيا بىلەن تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارى ئاندرېي ۋشېنسكىي بىرلىكتە 1945-يىلى. 29-ئاپرىل كۈنى ستالىن باشچىلىقىدىكى سىياسىي بىيوروغا يوللىغان ئىلى ھۆكۈمىتىنى مەمۇرىي، مالىيە-ئىقتىساد ۋە باشقا جەھەتلەردىكى كادىر ئەۋەتىپ قوللاش ھەمدە مىللىي ئارمىيەنىڭ گومىنداڭغا قارشى ھۇجۇم ھەرىكەتلىرىگە قورال-ياراق، ئوق-دورا، ئوفىتسېر جەھەتلەردىن ياردەم كۆرسىتىش تەشەببۇسىنى مۇزاكىرە قىلىپ، ئاخىرقى قارارنى قوبۇل قىلغان.

سىياسىي بىيورونىڭ مەزكۇر يەتتە ماددىلىق قارارىنىڭ مەزمۇنى بېرىيا ۋە ۋشېنسكىينىڭ تەشەببۇس لايىھىسى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن بىردەك بولۇپ، سىياسىي بىيورو مىللىي ئارمىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىدىن 500 ئوفىتسېر ۋە 2000 جەڭچى ئەۋەتىشنى قارار قىلغان، قورال-ياراق جەھەتتىن 15 مىڭ كىشىگە يەتكىدەك قورال-ياراق ۋە ئوق-دورا تەمىنلەشنى بېكىتكەن. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدا ۋە باشقا جايلاردا پارتىزانلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش، قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئوفىتسېر ۋە ئالاھىدە ھەرىكەتچىلىرىنى تەربىيىلەش ھەمدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇش كادىرلىرى ئېھتىياجىغا ياردەم كۆرسىتىش ۋە باشقىلارنى قارار قىلغان.

يېقىنقى زامان ئۇيغۇر دىيارى تارىخى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ ھۆججەتلەر 1944-1949-يىللىرىدىكى بىر قاتار مەسىلىلەرنى چۈشىنىشتە مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگىدۇر. بۇ ھۆججەتلەر ئىلگىرى 50 يىل ئەتراپىدا ئاشكارە بولمىغانلىقى ئۈچۈن غەرب ئالىملىرىدىن لىندا بېنسون، ئاندرېۋ فوربېس، جەيمس مىلۋارد، داۋىد ۋاڭ شۇنىڭدەك يەنە باشقا ئەللەر تارىخچىلىرى ۋە ئۇيغۇر تارىخچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى، جۈملىدىن خىتايدىكى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخى» ئەسەرلىرىدىن ئورۇن ئېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئىدى.

يېقىنقى ئون نەچچە يىللاردىن بۇيان سوۋېت ئارخىپلىرىنى قېزىش ۋە تەتقىق قىلىش كۈچىيىپ، بىر قىسىم ھۆججەتلەر ۋ. بارمىن قاتارلىق رۇس تەتقىقاتچلىرى تەرىپىدىن يورۇقلۇققا چىقىرىلدى ھەم تەتقىق قىلىندى ۋە قىلىنماقتا. ھەتتا بىر قىسىم ھۆججەتلەر خىتايچىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى.

مەخپىي سوۋېت ئارخىپ ھۆججەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى سىياسىي بىيوروسى، 1943-يىلى،ماي ئېيىدا ۋە 1945-يىلى، 22-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللى ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللاش يۈزىسىدىن ئىككى قېتىم ھەل قىلغۇچ قارار قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى جەريانىدىكى خەلقئارا سىياسىي مۇناسىۋەتلەر ۋە سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئىدى.