باش شىتابى ۋاشىنگتوندىكى ۋىلسون تەتقىقات مەركىزى يېقىندا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ 1937-يىلى 16-ئاپرىل كۈنى چىقارغان بىر پارچە مۇتلەق مەخپىي ھۆججىتىنى ئاشكارا قىلغان.
ھۆججەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيەسىنىڭ گېنېرالى فرىنوۋىسكىيگە ئالاھىدە كۆرسەتمە بېرىلىپ، ئۇنىڭ خوتەندىكى تۇڭگان 36-دىۋىزىيەسىنىڭ باش قوماندانى ما خۇسەننىڭ قولى ئارقىلىق گېنېرال مەھمۇت مۇھىتى قىسىملىرىنى قۇرالسىزلاندۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان.
مەزكۇر ھۆججەتتە ئالدى بىلەن خوتەندىكى ما خۇسەننى كۈشكۈرتۈپ تۇڭگانلارنىڭ قولى ئارقىلىق گېنېرال مەھمۇت مۇھىتىنىڭ قەشقەردىكى ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىنى قۇرالسىزلاندۇرۇشنى، ئاندىن ما خۇسەننى توزاققا چۈشۈرۈپ خوتەننى قايتۇرىۋېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
تارىخچىلار، مەزكۇر ھۆججەت ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا 1934-يىلىدىن 1937-يىلىغىچە پۇت تىركىشىپ تۇرغان ما خۇسەن قوماندانلىقىدىكى تۇڭگان 36-دىۋىزىيەسى بىلەن گېنېرال مەھمۇت مۇھىتى قوماندانلىقىدىكى ئۇيغۇر ئاتلىق ئەسكەرلەر 6-دىۋىزىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتنى چۈشىنىشتە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رايوندىكى ھەربىي ئىستېراتېگىيەسىنى بىلىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارىماقتا.
ھۆججەت چىقىرىلغان ۋاقىت دەل گېنېرال مەھمۇت مۇھىتىنىڭ قەشقەردىن مەزپىي تۈردە ئايرىلىپ ھىندىستانغا سەپەر قىلغان مەزگىلى بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مەخپىي پىلانى ئىشقا ئاشمىغان. ئەكسىچە مەھمۇت مۇھىتى چەتئەلگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئابدۇنىياز كامال ئۇيغۇر ئاتلىق ئەسكەرلەر 6-دىۋىزىيەسىگە باش قوماندان بولۇپ، خوتەندىكى ما خۇسەن قىسىملىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، شېڭ شىسەيگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن.
ئابدۇنىياز كامال بىلەن ما خۇسەن قىسىملىرى قەشقەر ۋە ئاقسۇنى ئېلىپ، غەلبېسېرى شىمالغا يۈرۈش قىلىپ تاكى ئۈرۈمچى ئەتراپىغىچە يېتىپ بارغان. ئامالسىز قالغان سوۋېت ئىتتىپاقى تورغات چېگراسى ئارقىلىق قىزىل ئارمىيەنىڭ موتورلاشقان قىسىملىرىنى كىرگۈزگەن ۋە شېڭ شىسەينى ھىمايە قىلغان.
سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيەسى ئايرۇپىلان ۋە تانكىلارنىڭ ھىمايىسى بىلەن شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغاپ ئاخىرىدا ئابدۇنىياز كامال بىلەن ما خۇسەن قىسىملىرىنى تارمار كەلتۈرگەن. 1937-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدىن تاكى كۈزگىچە داۋاملاشقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ ئۇرۇشتا مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان ئەسكەرلىرى سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى تەرىپىدىن قىرىپ تاشلانغان.