بىرىتانىيە نېفىت شىركىتى BP بىلەن Spotify ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق كاربون كىرېدىتى سېتىۋالغان

ئەنگلىيە ۋە گوللاندىيەدىكى تاراتقۇلار تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بىرىتانىيە نېفىت شىركىتى BP بىلەن دىگىتال مۇزىكا مۇلازىمى Spotify سېتىۋالغان كاربون كىرېدىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، بىرىتانىيە نېفىت شىركىتى بىلەن Spotify سېتىۋالغان كىرېدىتنىڭ كېلىش مەنبەسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بىئو-ئۆسۈملۈكنى يېقىلغۇ قىلغان بىر ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ كاربون قۇرۇلۇش تۈرىدىن كەلگەن ئىكەن. بۇ ئەھۋال «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى بىلەن گوللاندىيەدىكى «پۇل» ناملىق بىر دىگىتال ئۇچۇر تورى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولغان.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 13-نويابىر كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بۇ كىرېدىت دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كاربون مەسلىھەتچىلىك شىركىتى بولغان «جەنۇبىي قۇتۇپ» شىركىتى تەرىپىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان «باچۇ كاربون قۇرۇلۇش تۈرى» يەنى «مارالبېشى كاربون قۇرۇلۇش تۈرى» دىن ئېلىنغان ئىكەن.

«مارالبېشى كاربون قۇرۇلۇش تۈرى» ئۇيغۇر رايونىدىكى بىئو-ئۆسۈملۈكنى يېقىلغۇ قىلغان ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى مەركەز قىلغان بولۇپ، بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئەتراپتىكى كېۋەزلىكلەرنىڭ غولىنى يېقىلغۇ قىلىپ ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ھاۋاغا زەھەرلىك كاربون قويۇپ بېرىشنى كېمەيتىشنى نىشان قىلغان ئىكەن.

ھالبۇكى، «جەنۇبىي قۇتۇپ» شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى رېنات ھيۇبېرگېر، بۇ قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئاياللار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتى يارىتىدىغانلىقى، شۇنداقلا ب د ت نىڭ سىجىل تەرەققىيات پىلانىنى قوللايدىغانلىقى، شۇڭا بۇ شىركەتلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقان. لېكىن خەۋەردە يەنە رېنات ھيۇبېرگېرنىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىمۇ تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ شىركەت ئۆزىنىڭ «مارالبېشى قۇتۇلۇش تۈرى» ئۈچۈن ئىشلىگەن ئېلانىدا بۇ پىلانغا «يەرلىك كېۋەز غولى يىغىدىغان دېھقانلارنىڭ قاتناشقانلىقى، كېۋەز غولىنىڭ كۆيدۈرۈلۈپ تەبىئىي كاربون ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇيغۇر رايونى خىتاينىڭ ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ، بۇ ساھە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەركەزلەشكەن ساھەلەرنىڭ بىرى، دەپ قارالماقتا. شۇڭا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان «شىنجاڭ پاختا مەھسۇلاتلىرى» نى بىردەك چەكلىگەن.