خىتاينىڭ رۇسىيە تېخنىكىسى ئاساسىدا ياسىغان بىر دانە« Su - 27» تىپلىق ئايروپىلانى ۋەيران بولدى

خىتاي ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بىر دانە « Su - 27» تىپلىق ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلانى يەكشەنبە كۈنى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا شەندوڭ ئۆلكىسىگە يېقىن دېڭىز تەۋەسى رايونىدا ۋەيران بولغان.

«سىنا» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئايروپىلاندا ئىككى ئۇچقۇچى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن.

مەزكۇر ئايروپلاننىڭ « Su - 27» تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ خىتاينىڭ شېنياڭ شەھىرىدىكى ھەربىي ئايروپىلان ياساش زاۋۇتى ئىشلەپ چىقارغان نۇسخىسىمۇ، ياكى بىۋاسىتە رۇسىيىدىن سېتىۋالغان ئەسلى نۇسخىسىمۇ ھازىرچە نامەلۇم. نېمە سەۋەبتىن بۇ ۋەقە كېلىپ چىققانلىقى تېخى ئاشكارىلانمىغان.

«Su - 27» سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى بولۇپ، 1985 - يىلى ئامېرىكىنىڭ «15F - »تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ياساپ چىقىلغان ئىدى. 1990 - يىللىرىدىن كېيىن رۇسىيە خىتايغا بۇ خىل ئايروپىلاندىن 76 دانىنى سېتىپ بەرگەن ھەمدە 1998 - يىلى، رۇسىيە مەزكۇر ئايروپىلاننىڭ ياساش تېخنىكىسىنى خىتايغا سېتىپ بەرگەندىن كېيىن خىتاي ئۆزىمۇ ئىشلەپ چىقىرىشقا كىرىشكەن ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا رۇسىيە سىياسىيونلىرى ئارىسىدا مۇنداق ئىلغار تېخنىكىنى خىتايغا بېرىشكە قارشى چىقىش پىكىرلىرى كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ ئېرىشكىنى كونىرىغان تېخنىكا ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئىنكاسلارمۇ مەيدانغا چىققان.