ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنىڭ ھەرقاچان سۇ مەنبەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم.
يېقىندا خوتەن رايونىدىكى مۇھىم سۇ مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولغان يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ باش ئېقىم رايونىدا غايەت زور مىقداردىكى سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 23-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېقىندا بېيجىڭغا يوللانغان «يۇرۇڭقاش دەرياسى سۇ ئىشلىرى تۈگۈنى قۇرۇلۇشى» خىتاينىڭ دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن. بۇ قۇرۇلۇش خوتەن ناھىيەسى تەۋەسىدىكى قاشتاش يېزىسى تەۋەسىدە بولۇپ، خوتەن شەھىرىگە 95 كىلومېتىر كېلىدىكەن.
بۇ قۇرۇلۇش لايىھەسى بويىچە، بۇ جايغا غايەت زور سۇ ئامبىرىدىن بىرى سېلىنىدىكەن. بۇ سۇ ئامبىرىنىڭ ئومۇمى سىغىمچانلىقى 536 مىليون كۇپ مېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، سۇ ئامبىرى توسمىسىنىڭ ئېگىزلىكى 230 مېتىرغا يېتىدىكەن. سۇغىرىشقا ئىشلىتىشتىن باشقا بۇ جايدا يەنە توك ئېلېكتر ئىستانسىسى سېلىنىدىكەن. ھازىرقى مۆلچەردە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ سەككىز يىلدا پۈتۈشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.
ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «بۇ قۇرۇلۇشنىڭ يەنە بىر مەقسىتى خوتەندىكى بىڭتۇەن ئارقىلىق يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ سۈيىنى باشتىنلا بوغۇپ قويۇش، شۇ ئارقىلىق پۈتكۈل خوتەن رايونىنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرىنى كونترول قىلىش» دېيىشمەكتە.