يارلۇزاڭبۇ دەرياسىنىڭ سۈيىدىكى لاي-پاتقاقلار ھىندىستاننىڭ گۇمانىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن

خىتاينىڭ تىبەتتىن باشلىنىپ، ھېندىستانغا ئېقىپ كىرىدىغان خەلقئارالىق دەريا-ئېقىنلارنى توسۇپ، سۇ ئامبىرى ياساۋاتقان بولۇشى ئېھتىماللىقى ھىندىستان تەرەپنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.

«ھىندىستان خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئارۇناچال پارادېش شتاتىدىكى پارلامېنت ئەزاسى نىنوڭ ئىرېڭ ھىندىستان باش مىنىستىرى مودېغا مەخسۇس مەكتۇپ يوللاپ، تىبەت تېررىتورىيەسىدىكى يارلۇزاڭبۇ دەرياسىنىڭ مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تىبەتلەر «يارلۇزاڭبۇ»، ھىندىستانلىقلار «سىياڭ» دەپ ئاتايدىغان بۇ دەريانىڭ سۈيى نويابىر ئايلىرىدا ئەينەكتەك سۈزۈك ئاقىدىكەن. ھالبۇكى، يېقىندىن بۇيان بۇ دەريانىڭ سۈيى نورمالسىز دەرىجىدە لاي-پاتقاقلار بىلەن بۇلغانغان. ئۇنىڭ تىبەتتىكى باش ئېقىمىدىن ھەتتا سېمونت پارچىلىرىمۇ ئېقىپ كېلىشكە باشلىغان. بۇ ئەھۋاللار خىتاينىڭ مەزكۇر خەلقئارالىق دەريانىڭ باش ئېقىنىدا ئامبار ياكى تونېل قېزىپ، دەريا سۈيىنى باشقا تەرەپكە باشلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن بېشارەت بەرگەن ۋە ھىندىستان تەرەپنىڭ بۇ ھەقتىكى گۇمانلارنى كۈچەيتكەن.

ئۆتكەن ئايدا «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» خىتاينىڭ براخماپوترا دەرياسىنىڭ تىبەت تېررىتورىيىسىدىكى باش ئېقىمىنى توسۇپ سۇ ئامبىرى ياسىماقچى بولغانلىقى، ئۇ يەردىن 1000 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تونىل ئارقىلىق بۇ سۇنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەكلىماكان چۆللۈكىگە باشلىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. ئەمما ئەتىسى، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، «بۇ ساختا خەۋەر، توغرا ئەمەس» دەپ خەۋەرنى رەت قىلغان.

ئارۇناچال پارادېش شتاتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى «ھىندىستان خەۋەرلىرى» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، دەريا سۈيىدىكى بۇلغىنىشنىڭ باشقا بىر ئېنىقلىمىسى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەقەنى چوقۇم خەلقئارا ئورگانلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. يارلۇزاڭبۇ ياكى سىياڭ دەرياسى براخماپۇترا دەرياسىغا قوشۇلىدىغان ئەڭ چوڭ تارماق ئېقىنلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ تىبەتتىن باشلىنىپ، ئارۇناچال پارادېش ئارقىلىق براخماپۇترا دەرياسىغا قوشۇلىدىكەن.