ئۇيغۇر رايونىدا «سۇ قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش، سۇ بايلىقىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش» يىغىنى چاقىرىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.05.17

ئۇيغۇر رايونى سۈيى قىس بولغان قۇرغاق رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇزۇن يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر رايوننىڭ جان تومۇرى بولغان سۇ بايلىقىنى بىڭتۈەن قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەرەققىياتىغا ھەمدە نېفىت بۇرغىلاش، زاۋۇت-فابرىكىلارنىڭ سۇ ئېھتىياجىنى قامداشقا پايدىلىق شەكىلدە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانىدى.

خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 17-ماي كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتى 2024-يىللىق 1-قېتىملىق يىغىنى» دا سۆز قىلىپ، «چوڭ كۆلەملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، سۇ بايلىقىنى ئۈنۈملۈك تەقسىملەش ۋە مۇۋاپىق ئىشلىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» نى تەكىتلىگەن.

ما شىڭرۈي كونكرېت كۆرسەتمە بېرىپ، «سۇ بايلىقىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش، رايونلار ۋە دەريا ئېقىنلىرى ئارا، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك ئارا سۇ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، جەنۇبتا تارىم دەرياسى، شىمالدا ئىلى دەرياسى ۋە كۆللەرنى ئاساس قىلىپ تۈزەش ئېلىپ بېرىش ھەمدە بىر مەركەزلىك باشقۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىش» دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

 مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ 2000-يىللاردىن باشلىغان «غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش» سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن سۇ بايلىقىنى تەقسىملەشتە ئىچكىرى خىتايدىن بارغانلارغا ئېتىبار بېرىلگەن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى تېخىمۇ ئېغىرلاشقان، تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنى قۇرۇپ كەتكەن. جەنۇب ۋە شىمالدىكى بىڭتۈەن ئورۇنلىرى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئەڭ مۇھىم سۇ مەنبەلىرىنى كونترول قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ سۇ جېدىلىدە بىڭتۈەن باشتىن ئاخىر زومىگەر ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن.

 خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىقىش قۇرۇلۇشىنىڭ بىر مۇھىم نامايەندىسى «سەككىز چوڭ كەسىپ گەۋدىسى قۇرۇلۇشى» بولۇپ، كەسىپلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن غايەت زور مىقداردىكى سۇ بايلىقىغا موھتاج ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇلاردىن باشقا يەنە تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدا ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىق بولۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىچكىرى خىتايدىن ئاھالە كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشىمۇ شىددەت بىلەن ئېشىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ سۇ مەنبەلىرىنى ئېچىش ۋە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئېھتىياجى كۈچەيگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.