ئۇيغۇرلارنىڭ سۈكۈت ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇمغا قارىتا سۈكۈت ئارقىلىق خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغاش ھەرىكىتى باشلاپ، چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كورونا ۋىرۇسىنىڭ دۇنياۋى يۇقۇمغا ئايلىنىشى بىلەن خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنىڭ يۇقۇمغا بۇرالغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەرىكەتنى قوزغاپ، خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى داۋاملىق ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بۇراشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، «ئۇيغۇرلارغا قۇلاق سېلىڭ» ناملىق بۇ ھەرىكەتنى قوزغىغان ئاكتىپلار چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىنىڭ غايىب بولغان ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۇنى تىۋىتتېر قاتارلىق چەتئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىشقا چاقىرماقتىكەن. لېكىن بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ ئوخشىمايدىغان تەرىپى بۇنىڭدا نارازىلىق سۈكۈت ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىكەن. مەزكۇر ھەرىكەتنى باشلىغان ئاكتىپلارنىڭ بىرى تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئاۋسترالىيە پۇقراسى ئارسلان ھىدايەت بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدا كىشىلەرنىڭ «بەدەن تىلىنى ئىشقا سېلىپ، سۈكۈت ئارقىلىق ئائىلە ئەزالىرىغا بولغان ئەندىشىسىنى دۇنيا بىلەن ئورتاقلىشىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» نىڭ تەكىتلىشىچە، 17-ئاپرېل باشلانغان بۇ ھەرىكەتكە ھازىرغا قەدەر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 20 دەك ئۇيغۇر قاتناشقان. نارازىلىقنى سۈكۈت ئارقىلىق ئىپادىلەشتەك بۇ ئۇسۇلنى ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ لاگېردىكى ئائىلە ئەزالىرىغا بولغان ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلەشتە قوللانغان. ئۇلار خىتاينىڭ تىك-توك مۇنبىرى ئارقىلىق نۇرغۇن رەسىملىك ئۇچۇرلارنى يوللىغان ئىدى. ئارسلان ھىدايەت بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئۇسۇلنى قوللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.