يىللاردىن بېرى تۇتقۇن قىلىنغان يېقىنلىرىدىن خەۋەر ئالالماي كېلىۋاتقان چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيەتلىرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان خانىم مېھراي خانىم يولدىشى مىرزات تاھىر ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.
ئاۋسترالىيە ABCخەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان مېھراي 2016-يىل ئۆز دىيارىنى زىيارەت قىلغىلى بارغاندا مىرزات بىلەن تونۇشۇپ توي قىلغان. 2017-يىلنىڭ بېشىدا، مېھراي خانىم يولدىشىنىڭ ۋىزىسىنىڭ چىقىشىنى ساقلاۋاتقان كۈنلەردە ئۈرۈمچىدە تۇتۇش ۋە قاماشلار باشلىنىپ كەتكەن. ئۇلار ئۈرۈمچىدىن دەرھال ئايرىلىش قارارىغا كېلىپ، 12-ئاپرېل ئاۋسترالىيە مېلبورنغا ئۇچىدىغان بېلەت زاكاس قىلغان، ئەمما ساقچىلار 10-ئاپرېل ئىشىكنى چېكىپ كىرىپ مىرزانىڭ پاسپورتىنى تارتىۋالغان. خىتاي ساقچىلىرى مىرزاتنىڭ ئىلگىرى تۈركىيەگە چىققانلىقىنى باھانە قىلىپ ئۇنى لاگېرغا سولىغان. مېھراي خانىمنىڭ ۋىزا ۋاقتى توشۇپ قېلىپ ئاۋسترالىيەگە قايتىپ كەتكەن. 2019-يىل 22-ئاپرېلدا مىرزات لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن، مېھراي خانىم ئۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا كۆرۈشكەن، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي مىرزات قايتا تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. مېھراي خانىم يەنە ئاۋسترالىيەگە قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ سۈكۈت قىلىپ كەلگەن. ئەمما ئىككى ھەپتە ئىلگىرى يولدىشىنىڭ 25 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق ئازابلانغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى مىرزات تاھىرنى تۈركىيەدە تۇرغانلىقى ئۈچۈن «بۆلگۈنچى» دېگەن بەتنام بىلەن ئەيبلەپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. سۈكۈتنىڭ ھېچنەرسىگە يارىمىغانلىقىنى بىلگەن مېھراي خانىم ABC قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىغان ۋە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن ئېرىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشقا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئاۋسترالىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە تاراتقۇلار ھازىر مېھراي خانىمنىڭ بۇ كەچۈرمىشى ۋە گۇۋاھلىقىنى خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە يەنە بىر كۈچلۈك دەلىل بولالايدۇ دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا جىددىي مۇئامىلە قىلماقتا ئىكەن.