خىتاي خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرى ئۇيغۇرلارنى سۈنئىي ئەقىل كامېرالىرى ئارقىلىق نازارەت قىلماقچى بولغان

ھىندىستان «ئاسىيا خەلقئارا خەۋەرلىرى» (ANI) تورىنىڭ 16-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرى خىتاي شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى سۈنئىي ئەقىل كامېرالىرى ئارقىلىق تەقىب قىلىدىكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ نەگە بېرىپ نەدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىز قوغلاپ خاتىرىلەپ ماڭىدىكەن.

نۆۋەتتە، ئۈستەل دوكلاتى (Table. Briefing) ناملىق يۇمشاق دېتال خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل كامېرالىرىغا قوللىنىلىش ئىمتىيازىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ دېتال ئاشكارا سورۇنلاردا يۈرگەن ئۇيغۇرلارنى تونۇۋېلىش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدىكەن. شاڭخەي شەھىرى، چېڭدۇ شەھىرى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ھەر قايسى شەھەر-بازارلىرىدىكى ساقچى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرى بۇ يۇمشاق دېتالنى قوللانماقچى ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2023-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىنى تونۇش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەكىتلەپ ھۆججەت چىقارغان. شاڭخەي شۈيخۇي رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى تامغا باسقان بىر ھۆججەتتە، «دۆلىتىمىز گەرچە نەچچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارنى قايتا تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، ئۇلارغا يەنىلا ئىشەنگىلى بولمايدۇ» دېيىلگەن.

گېرمانىيە ۋۇرزبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر رايونى مۇتەخەسسىسى بىجورىن ئالپېرمان (Bjoern Alpermann) بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «بۇ ھۆججەتلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرى ئۇيغۇرلارنى يەنىلا سىستېمىلىق ھالدا ‹خەتەرلىك دۈشمەن›، ‹تۆۋەن دەرىجىدىكى مىللەت» ھېسابلايدۇ. بۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹قايتا تەربىيەلەش ئارقىلىق ئەسەبىيلىكنىڭ ئاپىتى تۈگىتىلدى، ئۇيغۇرلار باشقا پۇقرالاردەك تەڭ باراۋەر ھوقۇققا ئىگە› دېگەنلىرىنى پۈتۈنلەي يالغانغا چىقىرىدۇ».

بىجورىن ئالپېرماننىڭ بىلدۈرۈشىچە، شاڭخەي ساقچى ئورۇنلىرى تەلەپ قىلغان چىراي تونۇش يۇمشاق دېتالى چوقۇم ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ شەھەردىكى ئېنىق ئورنىنى، شۇنداقلا كىملەر بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى تېپىپ بېرەلىشى كېرەك ئىكەن. شاڭخەي شۈيخۇي رايونىغا ئورنىتىلغان 3700 كامېرانىڭ چىراي تونۇشتىن باشقا يەنە، ئۇ شەخسنى ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بولۇشى تەلەپ قىلىنغان.