ئامېرىكا ۋە رۇسىيە سۈرىيە پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن جەنۋەدە ئۇچراشتى
2013.09.12
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىي بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف بۈگۈن سۈرىيە پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن جەنۋەدە ئۇچراشتى.
ئۇچرىشىشتا سۈرىيەدىكى خىمىيىۋى قوراللارنى خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكشۈرۈشىگە تاپشۇرۇپ بېرىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. جون كېررىي مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئۇچرىشىشنىڭ سۈرىيەگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر نەتىجە ھاسىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جون كېررىي ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى رۇسىيە ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان سۈرىيە پىلانىدا تېزرەك بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما نەتىجىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش ئۈچۈن تېخى ئىنتايىن بالدۇرلۇقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ خىمىيىۋى قورالنى زادى كىمنىڭ ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدا پەرقلىق پىكىرگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭدا ئاۋام خەلقنىڭ زىيانغا ئۇچراۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئوخشاش قاراشقا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تەرەپ ھازىر رۇسىيە ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان «سۈرىيەنىڭ خىمىيىۋى قوراللىرىنى كونترول ئاستىغا ئېلىپ، يوق قىلىش» پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى، ئەمما بۇ جەرياننىڭ «قېيىن ۋە مۇرەككەپ» لىكىنى بىلدۈرگەن.
بۈگۈن يەنە، سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشەر ئەسەد رۇسىيە تېلېۋىزىيە قانىلىغا بايانات بېرىپ، خىمىيىۋى قوراللارنى كۆزەتكۈچىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىشكە رازىلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەرىكەت قوزغاش تەھدىتىدىن قورقۇپ ئەمەس، بەلكى رۇسىيەنىڭ تەلىپىگە بىنائەن قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.