سۈرىيەدىكى كرىزىس سەۋەبىدىن سۈرىيەنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارنىڭ سانى 2 مىليونغا يەتكەن. چېگرادىن چىقىپ كېتەلمىگەن ۋە سۈرىيەنىڭ ئىچىدە سۈرگۈن بولغانلارنىڭ سانى بولسا 4 مىليونغا يەتكەن.
ب د ت پاناھلانغۇچىلار ئالىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى گۇتېرەسنىڭ مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشىچە، سۈرىيەگە قوشنا بولغان تۈركىيە، لىۋان، ئىيوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ھازىر سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارنى قوبۇل قىلالمايدىغان دەرىجىگە يەتكەن. مەسىلەن، ئىيوردانىيەدىكى پاناھلانغۇچىلار لاگېرلىرىدىكى نوپۇس شەھەر بەرپا قىلىدىغان نوپۇسقا يېتىپ قالغان بولسا، لىۋاندا ھەر 6 كىشىنىڭ بىرىنى سۈرىيەلىك تەشكىل قىلىدىغان ئەھۋال شەكىللەنگەن.
ئۇ سۆزىدە، سۈرىيەدىكى كرىزىس ۋە بۇ پاناھلانغۇچىلار كرىزىسىنىڭ رايون خاراكتېرلىك بىر تەھدىت بولۇشتىن ھالقىپ، دۇنيا خاراكتېرلىك بىر تەھدىتكە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ب د ت سۈرىيەدىكى ئىنسانىي كرىزىسىنى كېيىنكى 20 يىلدا دۇنيادا يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر بىر كرىزىس دېدى.