كەررى ئەسەدنىڭ تەختتىن چۈشىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كەررى ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پىلىپ خامموند بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا سۈرىيە پرېزىدېنتى بېشىر ئەسەدنىڭ چوقۇم تەختتىن چۈشۈشى لازىملىقى، ئەمما ئۇنىڭ تەختتىن چۈشۈش ۋاقتىنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بېكىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كەررى سۆزىدە رۇسىيە ۋە باشقا سۈرىيىگە تەسىر كۆرسىتىش كۈچى بار دۆلەتلەرنىڭ ئەسەدنىڭ تەختتىن چۈشۈش ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم كۆرسىتىشى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكا تەرەپ رۇسىيەنىڭ ئەسەد ھۆكۈمىتىگە ھەربىي ياردەم كۆرسىتىۋاتقانلىقىغا بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن. جۈمە كۈنى رۇسىيەنىڭ مەلۇم ساندىكى ھۇجۇمچى ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرىنىڭ سۈرىيىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىقتى، بەزى ئۇچۇرلاردا نۆۋەتتە سۈرىيە تېررىتورىسىيىسىدە مەلۇم ساندا رۇسىيە ھەربىي خادىملىرىنىڭ پائالىيەت قىلىۋاتقانلىق ئىلگىرى سۈرۈلگەن.