ئامېرىكا ئوباما ھۆكۈمىتى يېقىندا دۆلەت مەجلىسىگە يوللىغان بىر خېتىدە، سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ ئۆكتىچىلەرگە قارشى جەڭدە كىچىك دائىرىدە خىمىيىلىك قوراللارنى ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما يەنە سۇرىيە ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئەگەر سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ خىمىيىلىك قوراللار نى ئىشلەتكەنلىكى تەكشۈرۈپ بېكىتىلسە، ئامېرىكا سۈرىيىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق مەيدانىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىمۇ سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ ئۆكتىچىلەرگە قارشى خىمىيىلىك قوراللارنى ئىشلەتكەنلىكىگە ئائىت ئاخباراتلارنى ئىگىلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، سۈرىيەدىكى خىمىيىلىك قوراللار ئىسكىلاتى دۇنيا بويىچە 4 - ئورۇندا بولۇپ، مەتبۇئات خەۋەرلىرىدە بەشەر ئەسەد ھۆكۈمەت ئارمىيسىنىڭ ئۆكتىچىلەر بىلەن بولغان توقۇنۇشتا خىمىيىلىك قوراللارنى ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.