سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشەر ئەسەدنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى شەرتسىز قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى دىققەت قوزغىدى

سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشەر ئەسەد سۈرىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى شەرتسىز قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشەر ئەسەد دەمەشقتە خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەن. ئىككى تەرەپ كۆرۈشىشىدە بەشەر ئەساد خىتاينىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان، شۇنداقلا سۈرىيەنىڭ ئەڭ قىيىن مەزگىلنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئۇ: «سۈرىيە تەيۋەن، شىنجاڭ ۋە خوڭكوڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە خىتاينى شەرتسىز قوللايدۇ،» دېگەن.

ۋاڭ يى خىتاي-سۈرىيە ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرىگە ئىشىنىپ ۋە قوللاپ كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بەشەر ئەسادنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى ئىسلام ئەللىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان يۈزسىزلىكىنىڭ يەنە بىر مىسالى سۈپىتىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى پارلامېنتلىرىنىڭ خىتاينى «ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىشىنىڭ ئەكسىچە، ئىسلام دۇنياسىنىڭ سۈكۈتنى تاللىشى، ھەتتا ئوچۇق-ئاشكارا قوللىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي مۇئامىلە ئارقىلىق ئىسلام ھاكىمىيەتلىرىنى ئ‍ۆزلىرىنىڭ سىزغان سىزىقى بويىچە مېڭىشقا قىستاشنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقان بولۇپ، يېقىندا پاكىستاننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇملىرىنى ئاقلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پاكىستان تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش ھەمدە بىر قىسىملىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى، بۇ رېياللىقنى تېخىمۇ ئاشكارىلىغان ئىدى.