خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 5 ياشلىق ئومراننىڭ دۇنيانى لەرزىگە سالغان سىن كۆرۈنۈشىنى «ساختا قۇراشتۇرۇلغان خەۋەر» دەپ ئىغۋا تارقاتقان

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيەسى سۈرىيەدىكى بومباردىماندا قۇتقۇزۇۋېلىنغان 5 ياشلىق ئومراننىڭ سىن خەۋىرى «گۇمانلىق» دەپ ئىغۋا تارقىتىپ، ئۇنى «غەربنىڭ تەشۋىقات ئۇرۇشى» دىكى بىر ساختا كۆرۈنۈش، دېگەن.

مەلۇمكى، 17-ئاۋغۇست كۈنى سۈرىيەنىڭ ھەلەپ شەھىرىدىكى شىددەتلىك بومباردىماندا يارىلانغان 5 ياشلىق بالا ئومراننىڭ بىچارە ھالىتى دۇنياۋى تاراتقۇلاردا كۆرسىتىلىپ، مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ يۈرەك-باغرىنى ئەزگەن ئىدى. شۇ كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئومراننى سۈرىيە ئۇرۇشىنىڭ «ھەقىقىي يۈزى» دېگەن ئىدى.

ھالبۇكى، خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيەسى پۈتۈن دۇنيا تاراتقۇلىرىدا قىزىق نۇقتا بولغان 5 ياشلىق ئومراننىڭ ھېكايىسىنى «گۇمانلىق»، ئۇنىڭدىكى سىن كۆرۈنۈشىنىڭ «ساختا ۋە ياسالغان بولۇشى ئېھتېمالغا يېقىن» دېگەن.

خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يەنە «نەق مەيداندىكى ئىشچىلار ئالدى بىلەن بالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلماي، ئەكسىچە كامېراغا ئېلىشقا ئالدىرىغان» دېيىلگەن.

مەلۇمكى، خىتاي ئۆز ئىتتىپاقدىشى رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە سۈرىيەدىكى بەشەر ئەسەد ھۆكۈمىتىنى قوللاۋاتقان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەلەپتىكى ئىسلامىي گۇرۇپپىلار كونترول قىلىۋاتقان رايونلارنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ 5 ياشلىق ئومران ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى يوققا چىقىرىشى ئۇلارنىڭ غەرب تاراتقۇلىرى بىلەن سۈرىيە مەسىلىسىدە كۈچ سىنىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا.