خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى سۈرىيەگە ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىپ، رۇسىيەنىڭ باشار ئەسەد ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان قوراللىق ئۆكتىچىلەرنى، ئىسلام دۆلىتى قوراللىق كۈچلىرىنى بومباردىمان قىلىشىغا ياردەم بېرىش پىلانى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
ئىلگىرى چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، خىتاينىڭ «لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىئاماتكىسىنى ئوتتۇرا دېڭىزغا ئەۋەتىپ، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھاۋا بومباردىمانىغا قوشۇلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. بۇ، خىتاي پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەرگە ياردەم بېرىۋاتقان تۈركىستانلىق غازاتچىلارنى بومباردىمان قىلامدۇ-قانداق، دېگەن سوئال پايدا قىلغان.
رۇسىيە ھاۋا بومباردىمانىنىڭ ئىسلام دۆلىتى نىشانلىرىغا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئاساسلىق بومباردىمان نىشانى سۈرىيەنىڭ جېسىر ئەل-شۇغۇر رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەرگە قارىتىلغان.
جېسىر ئەل سۇغۇر رايونى بولسا تۈركىستانلىق غازاتچى قوراللىق كۈچلەر توپلانغان رايونلارنىڭ بىرى.
چارشەنبە كۈنى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ، «مېنىڭ بىلىشىمىچە، بىزنىڭ ئۇنداق پىلانىمىز يوق. ھازىر لياۋنىڭ ئاۋىئاماتكىسى تېخنىكىلىق ۋە ھەربىي مەشىق بىلەن ئالدىراش»دېگەن.