بۈگۈن «ئوتتۇرا شەرق كۆزەتكۈچىسى» گېزىتى دۇبەيدە نەشر قىلىنىدىغان«يېڭى خالىج» گېزىتىدىكى بىر خەۋەرنى مەنبە كۆرسىتىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ سۈرىيەگە قوشۇن ئەۋەتىشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەردە خىتاي قوشۇنلىرىنىڭ سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشەر ئەل ئەسەد قىسىملىرىنى قوللاش ئۈچۈن بارىدىغانلىقى، چۈنكى خىتاينىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنىڭ زورىيىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى سۈرىيە پرېزىدېنتىنىڭ مەسلىھەتچىسى بوتاينا شابان بىلەن كۆرۈشكەندە سۈرىيەنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» كۈچلىرىنى يوقىتىشتىكى تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇغان ئىكەن. يۇقىرىدىكى گېزىتلەرنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن مەنبەلەر خىتاينىڭ بۇ قېتىم سۈرىيەگە «سىبىرىيە يىلپىزى» ۋە «كېچە يىلپىزى» دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى ئالاھىدە قوشۇن ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، سۈرىيە ھۆكۈمىتى 2015-يىلى 5000 نەپەر خىتاي ئەسكىرىنىڭ سۈرىيەگە كىرىشىگە، ئۇلارنىڭ سۈرىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى لاتاكىياغا ئورۇنلىشىشىغا رۇخسەت قىلغان ئىكەن. ئۇلار ئارىسىدا خىتاينىڭ ھەربىي مەسىلىھەتچىلىرىنىڭمئۇ بارلىقى مەلۇم.
خىتاي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى 5 دائىمىي ئەزا دۆلەتىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە بىر قانچە قېتىم خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى رەت قىلىش ھوقۇقىنى قوللىنىپ، بەشەر ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداپ قالغان ئىدى.