خىتايدا يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 21گە يەتتى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.07.27

خىتايدا يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 21گە، ئىز - دېرىكى بولمىغانلارنىڭ سانى 4 يەتتى.

تاغ گۈمۈرۈلۈش 23 - ئىيۇل گەنسۇ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتىن كېيىن، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دىڭشى شەھىرىدە كۆرۈلگەن.

جۈمە كۈنى كەچقۇرۇندىن بۇيان توختىماي ياغقان يامغۇردىن كېيىن، دىڭشى شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر تۆپىلىك گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن، گۈمۈرۈلۈشتىن كېلىپ چىققان لاي - لاتقا 21 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.

خىتاي ئاخباراتلىرىغا قارىغاندا، ۋەقەدىن كېيىن يەنە 4 ئادەم ئىز - دېرەكسىز يوقالغان.

خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسى مىنشيەن ناھىيىسىدە دۈشەنبە كۈنى كۆرۈلگەن يەر تەۋرەشتە 95 ئادەم ئۆلگەن، 800 دىن ئارتۇق ئادەم ھەرخىل يارىلار بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.