خىتاي دائىرىلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر شائىرى تاھىر ھامۇتنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلغان

ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ۋول-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتى جۈمە كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ چەتئەللەردىكى پائالىيىتىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق نوپۇزلۇق ئۇيغۇر شائىرى تاھىر ھامۇتنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. تاھىر ھامۇت ئۆتكەن يىلى «ۋول-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان ئىدى. مەزكۇر گېزىتنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى 12‏-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا تاھىر ھامۇتنىڭ ۋەتەندىكى بىر ئىنىسى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان.ئۇنىڭ يەنە ئىككى ئايال تۇغقىنى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ سوراق قىلىنغان. خەۋەردە تاھىر ھامۇتنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «ئۇنىڭ خىتايغا قايتىپ كەلمىگەنلىكى ۋە چەتئەلدە بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى» سەۋەبلىك ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تەقىب ئاستىغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرگەن. خەۋەردە يەنە ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق يەنە بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى تاھىر ئىمىن ھەققىدە بايانلار بېرىلىپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىغا ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ كېلەلمىگەنلىكى، ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تېلېفون قىلىپ تەھدىت سېلىشىغا ئۇچرىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

خەۋەردە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قولىنى چەتئەللەرگىچە سوزۇپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى بېسىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتەك بۇ قىلمىشىنىڭ ئامېرىكىغا ئوخشاش غەرب دۆلەتلىرىگە خىرىس پەيدا قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرگەن.