تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش» ناملىق كىتابى نادىر كىتابلار تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى

ئۇيغۇر ئەدىب ۋە شائىر تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدا يازغان «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش» ناملىق كىتابى داڭلىق ئاخباراتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

بۇ كىتاب يېقىندا خەلقئارالىق نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلارنىڭ بىرى بولغان «دەۋر» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «2023-يىلدىكى ئەڭ نادىر 100 كىتاب» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

بۇنىڭدىن سىرت، «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش» ناملىق بۇ كىتاب يەنە «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى تەرىپىدىنمۇ 2023-يىلىدىكى «كۆزگە كۆرۈنگەن 50 كىتاب» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

تاھىر ھامۇت ئىزگىل ئەپەندىنىڭ كىتابى بۇ يىل 1-ئاۋغۇست كۈنى خەلقئارادىكى داڭلىق نەشرىياتلاردىن بىرى بولغان پىنگىۋىن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بولۇپ، كىتابنىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان ئامېرىكالىق تەتقىقاتچى جاشۇا فرىمەن (Joshua L. Freeman) ئۈستىگە ئالغانىدى.

ئاپتور «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش» ناملىق بۇ ئەسلىمە خاراكتېرلىك كىتابىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى ئاستىدا كۆرۈۋاتقان زۇلۇمىنى ھېكايە شەكلىدە ئاڭلاتقان. كىتابقا يەنە شائىر تاھىر ھامۇتنىڭ تاللانغان شېئىرلىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن.

تاھىر ھامۇت ئىزگىل 2017-يىلى ئائىلىسى بىلەن ئامېرىكاغا كېلىپ پاناھلانغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان يۇقىرى تېخنىكىلىق باستۇرۇشلىرىنى تۈرلۈك شەكىللەردە ئاڭلىتىپ كەلمەكتە.