تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجيۇ بۈگۈن تەيبېيدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق قۇربانلارنى خاتىرىلەش مۇ راسىمىدا سۆز قىلىپ، تەيۋەندە 1947 - يىلى يۈز بەرگەن 22 - فىۋرال قانلىق ۋەقەسىنىڭ قۇربانلىرىدىن يەنە بىر قېتىم ئەپۇ سورىدى.
تارىخىي مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1947 - يىلى 28 - فىۋرال كۈنى تەيۋەنلىكلەر دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ كەڭ كۆلەمدە نامايىش ئۆتكۈزگەن؛ نامايىش ئەينى چاغدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان ۋە ئارقىدىن تەيۋەندە ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىنىپ تاكى 1987 - يىلىغىچە يولغا قويۇلغان، بۇ دەۋر تەيۋەن سىياسىي تارىخىدا ئاق تېررور دەۋرى دەپ ئاتالغان. خىتايچە ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ما يىڭجيۇ بۈگۈنكى سۆزىدە، گەرچە ئەينى چاغدا يۈز بەرگەن ۋەقە بىلەن نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەتنىڭ بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، بىر ھۆكۈمەت بولۇش سۇپىتى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن ئەپۇ سوراش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئېيتقان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ، ما يىڭجيۇنىڭ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە 6 - قېتىم ئەپۇ سورىشىدۇر. تەيۋەن ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر مەزكۇر ۋەقە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئاق تېررور مەزگىلىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان 10مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە 19 مىليارد 500 مىليون تەيۋەن پۇلى تۆلەم بەرگەن.
