«نيو-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 26-ئىيۇلدىكى ئوبزور ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئاقساراي نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزى ھەققىدىكى باياناتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەركەتلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ بەكمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننى «بىرلىككە كەلتۈرۈش» نامىدا قوراللىق ئىشغال قىلىش ھەققىدىكى باياناتلىرى بۇ مەسىلىنىڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى كۆپلىگەن ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرگە بېرىپ تاقىلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە ئىكەن.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم يېقىندا تەيۋەنگە زىيارەتكە بارىدىغان بولۇپ، ئاقسارايدىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلار ئۇنى بۇ سەپەردىن يالتايتىشقا تىرىشماقتا ئىكەن. خىتاي تەرەپ بولسا بۇ سەپەرگە قەتئىي قارشىلىق كۆرسىتىپ، بۇنىڭ بەدىلى ئېغىر بولىدىغانلىقىنى پەش قىلماقتىكەن. بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى زىيارەت خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ يىل كۈزدە ئېچىلىدىغان 20-قۇرۇلتايدا يەنە بىر قېتىم رەئىسلىك ئورنىغا چىقىشقا تىرىشىدىغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن، شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى ۋە قۇدرىتىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قارشى بەزى ھەركەتلەردە بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتىكەن.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ياردەمچى مىنىستىرى سۇسان شىرك (Susan L. Shirk) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئەگەر شى جىنپىڭ بۇ زىيارەتنى ئۆزى ئۈچۈن ھاقارەت، دەپ ھېس قىلسا بەزى ئالدىراقسانلىق قىلمىشلىرىنى كۆرۈلمەيدۇ، دېگىلى بولمايدۇ» دېگەن. ئەمما بەزى ئانالىزچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكىي ۋە تاشقىي جەھەتتە كۆپلىگەن «توقۇناق مەسىلىلەر» گە بەند بولۇپ قېلىۋاتقاندا، ئۇنچە ئالدىراپ ئۇرۇشقا ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكتە ئىكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 25-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى شۇ كۈنى ئالاھىدە سۆز قىلىپ: «جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش قىلىدىغان مەيدانى ئەمەس. بۇ رايوندىكى مەسىلىلەرنى شۇ جايدىكى دۆلەتلەر ئۆزلىرى ھەل قىلىشى كېرەك،» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىزچىل تەيۋەن بوغۇزىنى خەلقئارالىق ئەركىن دېڭىز بوشلۇقى، دەپ قاراپ كەلگەنلىكتىن ئامېرىكا ھەربىي ۋە سودا پاراخوتلىرىنىڭ بۇ بوغۇزدىن ئەركىن كېزىپ ئۆتۈشىنى قانۇنلۇق دەپ قاراپ كەلگەن ئىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمتى تەيۋەننى ئۆزىنىڭ تېرىتورىيەسى دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئامېرىكا پاراخوتلىرىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن كېزىپ ئۆتۈشىنى خىتاي تېرىتورىيەسىدىن كېسىپ ئۆتكەنلىككە باراۋەر، دەپ بۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسەتمەكتە ئىكەن.