شەنبە كۈنى تەيۋەندىكى ھەر قايسى ناھىيە - شەھەرلەرنىڭ باشلىقلىرىنى سايلاشتا ھاكىمىيەتتىكى پارتىيە گومىنداڭ زور مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، تەيۋەن - چوڭ قۇرۇقلۇق مۇناسىۋەتلىرى كۆزەتكۈچىلىرى تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ كەلگۈسى مۇناسىۋەتلىرىگە قارىتا تۈرلۈك ئىنكاسلاردا بولماقتا.
شەنبە كۈنىدىكى سايلام نەتىجىسىدە 22 ناھىيە ۋە شەھەرنىڭ باشلىقلىرىنى سايلاشتا گومىنداڭ ئاران 6 ئورۇنغا، ئەمما تەيۋەن مۇستەقىللىق ئىدىيىسىگە ئىگە مىنجىڭداڭ بولسا 13 ئورۇنغا ئېرىشكەن ئىدى. ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە مەتبۇئاتلىرى بۇ مەسىلىدە تۇشمۇ - تۇشتىن ئانالىز ئېلان قىلىۋاتقان بولۇپ،«ئىقتىسادشۇناس»تورىنىڭ ماقالىسىدە، بۇنىڭ جاڭ كەيشى تەيۋەنگە ئورۇنلاشقاندىن بۇيان گومىنداڭنىڭ ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيىتى ئىكەنلىكى، بۇ مەغلۇبىيەتنىڭ ما يىڭجۇغىلا زەربە بولماستىن، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئەندىشىنى ئاشۇرغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
«گۋاردىيان»نىڭ ماقالىسىدە گومىنداڭنىڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ تەيۋەن بىلەن خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى ئارىسىدا 6 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەتكە زەربە بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
گومىنداڭ، مىنجىنداڭ، يەنى دېموكراتىك ئىلغارلىق پارتىيەسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيان بېيجىڭ بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنى قەدەممۇ - قەدەم قويۇقلاشتۇرىۋاتقان ۋە تەيۋەن مۇستەقىللىقى ئىبارىلىرى ئازلىغان ئىدى. ئىككى تەرەپ ئارىسىدا 20 دىن ئارتۇق كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان.
2016 - يىلى، تەيۋەندە پرېزىدېنت سايلىمى بولىدۇ، ھازىر بۇ سايلامدا مىنجىڭداڭنىڭ غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقى ئوتتۇرىغا چىققان.