ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى كېۋىن مەككارتى (Kevin McCarty) بىلەن تەيۋەن پرېزىدېنتى 5-ئاپرېل كۈنى لوس-ئانژېلىس شەھىرىدە كۆرۈشمەكچى بولغان، خىتاينىڭ لوس-ئانژېلس كونسولخانىسى بىر كۈن ئاۋۋال ئادەم تەشكىللەپ نامايىش قىلىپ، بۇ ئۇچرىشىشقا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
تەيۋەننىڭ «ئەركىنلىك ۋاقىت گېزىتى» بەرگەن خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ لوس-ئانژېلىس كونسولخانىسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەپتە تۇرىدىغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھەر بىرىگە 400 دوللاردىن پۇل بېرىپ، كېۋىن مەككارتى بىلەن سەي يىڭۋېننىڭ ئۇچرىشىشىغا قارشى نامايىش تەشكىللىگەن. 1000 دىن ئارتۇق نامايىشچى ئىككى دۆلەت رەھبىرى ئۇچرىشىدىغان «رونالد رېگان كۈتۈپخانىسى» ئالدىدا نامايىش قىلغان.
خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئەلچىخانىسى سەي يىڭۋېننىڭ زىيارىتىگە قارشى پائالىيەتلەرنىڭ بېشىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، سەي يىڭۋېن دەسلەپتە نيۇ-يورك شەھىرىگە كەلگەندىمۇ، ئۇنىڭغا قارشى نامايىش ئۇيۇشتۇرغان.
«رۇيترېس ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاپرېل تەيۋەن پرزىدېنتى سەي يىڭۋىن لوس-ئانژېلىستا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى كېۋىن مەككارتى بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقىتتا، خىتاينىڭ ئاۋىياماتكا ئەترىتى تەيۋەن بىلەن فىلىپپىن ئارىلىقىدىكى بوغۇزدىن ئۆتۈپ، تەيۋەننىڭ شەرقىي دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن. خىتاي تەرەپ بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئەگەر سەي يىڭۋېن بىلەن مەككارتىنىڭ سۆھبىتى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتسە ئۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆتكەن يىل ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق رەئىسى نەنسى پېلوسى تەيۋەننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزگەنىدى.
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكى بۇ قېتىممۇ خىتاينىڭ بېسىمىغا باش ئەگمەيدىغانلىقى ھەققىدە بايانات بېرىپ: «خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى مەسئۇلىيەتچان بىر دۆلەتنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. ھەر قانداق تاشقىي بېسىم بىزنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىش ئىرادىمىزگە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ» دېگەن.