خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېننى ئامېرىكادا زىيارىتىدە ئۇنى كۈتۈۋالغان ئىككى ئامېرىكا تەشكىلاتىغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغان بولغان. ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى س ن ن نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 7-ئاپرېل مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئاقىللار ئامبىرى-خادسۇن ئىنستىتۇتى بىلەن كالىفورنىيە شتاتىدىكى رېگان كۈتۈپخانىسىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈپ، بۇ ئىككى ئورۇننىڭ خىتايدىكى ھەرقانداق بىر تەشكىلات، ئورگان ياكى شەخس بىلەن ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىدە بولۇشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، بۇ ئىككى ئورۇننىڭ ئاچقۇچلۇق رەھبەرلىرىنىڭمۇ خىتاينى زىيارەت قىلىشى، خىتايدىكى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر بىلەن ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىدە بولۇشى چەكلىنىپ، مال-مۈلكى توڭلىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
لېكىن بۇ ئېمبارگونىڭ ئۇلارغا قانچىلىك تەسىرى بولىدىغانلىقى نامەلۇم. س ن ن نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىككى ئورۇن ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ياكى خىتايدا مال-مۈلكىنىڭ بار-يوقلۇقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. خەۋەرلەردە ئېمبارگونىڭ ئەمىلى ئەھىمىيىتى يوقلۇقى، ئۇنىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك سىياسىي رىتورىك ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.
س ن ن نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ قېتىم يەنە ئامېرىكادىكى ئىككى تەيۋەن تەشكىلاتى بىلەن تەيۋەننىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى شياۋ مېيچىنغىمۇ ئېمبارگو يۈرگۈزگەن. خىتاينىڭ ئېمبارگو قارارى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى كاۋىن مىككارتىي 5-ئاپرېل كۈنى تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بىلەن كالىفورنىيەدىكى رېگان كۇتۇپخانىسىدا كۆرۈشۈشىنىڭ ئارقىسىدىن ئېلان قىلىندى. بۇ، تەيۋەن پرېزىدېنتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكا زېمىنىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى بىلەن ئۇچرىشىشى بولغان. شۇنداقلا خادسون ئىنستىتۇتى ئۆتكەن ھەپتە نيۇ-يوركتا پرېزىدېنت سەي يىڭۋېنغا «يەرشارى رەھبەرلىك مۇكاپاتى» بەرگەن. خىتاي ماكارتىي بىلەن سەي يىڭۋېننىڭ كۆرۈشۈشىگە قارىتا «قەتئىي ۋە كۈچلۈك تەدبىرلەر» نى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.