ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن «شاڭرىلا دىئالوگى» ناملىق ئاسىيا بىخەتەرلىك يىغىنىدا تەيۋەن مەسىلىسى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ تالاش-تارتىش نۇقتىسىغا ئايلانغان. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لىلويد ئائۇستېن يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكانىڭ بىر خىتاي سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى، بىراق ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھازىرقى مەۋجۇت ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئامېرىكاىنىڭ تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنىدىكى مەجبۇرىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
«ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىلويد ئائۇستېن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخېمۇ قاتناشقان بۇ يىغىندا: «بىزنىڭ سىياسىتىمىز ئۆزگەرمەيدۇ ھەم تەۋرەنمەيدۇ. بىز ئۇزۇندىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بىر خىتاي سىياسىتىدە ئىزچىل چىڭ تۇرىمىز……. لېكىن ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ مەۋجۇت ھالەتنى ئۆزگەرتىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دېگەن. لىلويد ئائۇستېن يەنە: «نۆۋەتتە، بىر خىتاي سىياسىتىنىڭ پارچىسى سۈپىتىدە، بىز تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنىدىكى مەجبۇرىيىتىمىزنى داۋاملىق ئاتقۇرىمىز. بۇ تەيۋەننىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ئىقتىدارىنى ساقلىشىغا ياردەم بېرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «بۇ، ئامېرىكانىڭ تەيۋەن خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ياكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي سىستېمىسىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق كۈچ ئىشلىتىشكە ۋە ياكى باشقا مەجبۇرلاشلارغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىشنى كۆرسىتىدىكەن».
لىلويد ئائۇستېن يەنە خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى «قانۇنسىز ئىگىلىك ھوقۇق» تەلىپى ۋە ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى «مەجبۇرلاش ۋە تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىدىكى ھەرىكىتى» نى ئەيىبلەپ: «مەن شۇنى ئېنىق ئېيتىمەنكى، قارشىلىشىش ۋە توقۇنۇش ھەم يېڭى سوغۇق مۇناسۋەتلەر ئۇرۇشىنى، شۇنداقلا رايوننى ئاسىيا ناتوسى ياكى ئۆزارا دۈشمەن لاگېرلارغا بۆلۈشنى خالىمايمىز. ئەمما بىز مەنپەئەتىمىزنى تەۋرەنمەي قوغدايمىز» دېگەن.
«ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى» نىڭ ئېيتىشىچە، يىغىندا خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې 12-ئىيۇن يەكشەنبە كۈنى سۆز قىلىپ: «ئەگەر بىرەر كۈچ تەيۋەننى خىتايدىن ئايرىشقا ئۇرۇنسا، قىلچە ئىككىلەنمەيدىغانلىقى، بارلىق بەدەللەرنى تۆلىسىمۇ ئاخىرىغىچە ئۇرۇشىدىغانلىقى، بۇنىڭ خىتاينىڭ بىردىنبىر تاللىشى ئىكەنلىكى» نى ئېيتقان. مەلۇم بولۇشىچە، لىلويد ئائۇستېن بىلەن ۋېي فېڭخې بۇ سۆزلەرنى قىلىشتىن بۇرۇن يۈزتۇرانە ئۇچراشقان.