پرېزىدېنت بايدېن، خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا، ئامېرىكانىڭ قوراللىق ئارىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.09.19
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 18-سېنتەبىر تەيۋەن ھەققىدە توختىلىپ، ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەننى قوراللىق قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ، پرېزىدېنت بايدېننىڭ يېقىنقى 4 ئاي ئىچىدە 2-قېتىم ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا ئامېرىكانىڭ قوراللىق ئارىلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىشىدۇر. ئۇ بۇ يىل 5-ئايدا ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغاندىمۇ ئامېرىكانىڭ تەيۋەننى قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. بايدېن 18-سېنتەبىر ئامېرىكا CBS تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ «60 مىنۇت» ناملىق سۆھبەت پروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا رىياسەتچىنىڭ تەيۋەن ھۇجۇمغا ئۇچرىسا ئامېرىكانىڭ قوغدايدىغان-قوغدىمايدىغانلىقى ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئاشۇنداق بىر ھۇجۇم بولۇپ قالسا» ئامېرىكانىڭ تەيۋەننى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بايدېن رىياسەتچىنىڭ ئۇنىڭ سۆزى خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۇكرائىنادىن پەرقلىق ھالدا، تەيۋەننى قوغدايدۇ، دېگەننى بىلدۈرەمدۇ؟ دېگەن سۆزىگە قارىتا «شۇنداق» دەپ جاۋاب بەرگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، پرېزىدېنت بايدېن بۇرۇن بۇ سۆزلەرنى ياپونىيەدە ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق بۇ قېتىم ئۇ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەننى قوغدايدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق شەرھلىگەن. ئامېرىكا ئىزچىل تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنىغا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھازىرقىدەك قوراللىق ئارىلىشىدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتىپ باقمىغانىدى.

بايدېننىڭ سۆزىنىڭ خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغانلىقى مەلۇم. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭ دۈشەنبە كۈنى بايدېننىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ سۆزى تەيۋەن بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە «جىددىي خاتا سىگنال بېرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي بايدېننىڭ سۆزىدىن «قاتتىق نارازى بولغان ھەم ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىكەن».

ئۇ يەنە خىتاينىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پرېزىدېنت بايدېنغا «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننى قوغداش توغرىسىدىكى پولاتتەك ۋەدىسى» نى قايتا تەكىتلىگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.