ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن تەيۋەن مەسىلىسىدە خىتاينى ئەيىبلىگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.10.27
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن «خىتاي تەيۋەننىڭ نەچچە ئون يىلدىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان ھالىتىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ» دېگەن.

ئۇ 26-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا «بلۇمبېرگ» گېزىتىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «خىتاي تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، تەيۋەننى قوشۇۋېلىشنى تېزلەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ» دېگەن.

بلىنكېن يەنە مۇنداق دېگەن: «مەنچە، ئۇلار بۇنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدىمۇ قارار چىقىرىپ بولدى، بۇ تەيۋەنگە تېخىمۇ كۆپ بېسىم ئىشلىتىش، مەجبۇرلاش، ھەر خىل يوللار بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قىيىنلاشتۇرۇش دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن»

«بلۇمبېرگ» نىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن ئالدىنقى ھەپتە قىلغان بىر سۆزىدىمۇ خىتاينىڭ تەيۋەننى «پەرەز قىلىنغاندىنمۇ تېز» ۋاقىتتا ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. بلىنكېننىڭ خىتاينىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدىكى بۇ سۆزى، خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان.

بلىنكېن «بلۇمبېرگ» قا قىلغان سۆزىدە يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز توقۇنۇشنى خالىمايمىز، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قىلىشنىمۇ خالىمايمىز. بىزنىڭ مەقسىتىمىز خىتاينى قامال قىلىش، چەكلەشمۇ ئەمەس. بىراق شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى، بىزنىڭ ئۆز مەنپەئەتىمىزنى ۋە قىممەت قاراشلىرىمىزنى قوغداش ئىرادىمىز قەتئىي. بولۇپمۇ تەيۋەن مەسىلىسىدە بىز تەيۋەننىڭ نەچچە ئون يىل داۋاملاشقان ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشنى، بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرنى تىنچ ئۇسۇلدا ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمىز.»

بلىنكېننىڭ «بلۇمبېرگ» گېزىتىگە قىلغان بۇ ئەڭ يېڭى سۆزى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيى ئەمدىلا ئاخىرلىشىپ، شى جىنپىڭ 3-قېتىم خىتاينىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرىگە ئايلانغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.