ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە يەنە 180 مىليون دوللار قىممىتىدىكى قورال سېتىشنى تەستىقلىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.12.29
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە 180 مىليون دوللار قىممىتىدىكى قورال سېتىشنى تەستىقلىغان. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قارارىنى 28-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا بۇ نۆۋەت تەيۋەننىڭ تەلىپىگە بىنائەن، تەيۋەنگە تانكىغا قارشى ئاپتوموبىل مۇداپىيە سىستېمىسى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلەرنى سېتىپ بېرىشنى قارار قىلغان.

بايدېن ھۆكۈمىتىدىن بېرىلگەن باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، «بۇ قېتىملىق قورال سېتىش تەيۋەننىڭ قورال كۈچىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇپ، مۇداپىيە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، رايوننىڭ سىياسىي مۇقىملىقى، ھەربىي تەڭپۇڭلۇقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلىدىكەن».

بايدېن ھۆكۈمىتى بۇ يىل 9-ئايدا تەيۋەنگە 1 مىليارد 100 مىليون دوللار قىممىتىدىكى قورال-ياراغ سېتىشنى تەستىقلىغان بولۇپ، بۇ پرېزىدېنت جوۋ بايدېن مەزگىلىدە تەيۋەنگە بېرىلگەن زور بىر قېتىملىق قورال سېتىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇلار ئۇرۇش پاراخوتىغا قارشى تۇرىدىغان 60 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 100 دىن ئارتۇق ھاۋادىن قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش ئىشى، تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى مۇداپىيە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش پروگراممىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلىشى مۇقەررەركەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.