ۋىلسون مەركىزى گومىداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەندە قۇرغان «سۈرگۈندىكى شىنجاڭ ھۆكۈمىتى» گە دائىر بىر قىسىم ھۆججەتلىرىنى ئاشكارىلىدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.08.27


باش شىتابى ۋاشىنگتوندىكى ۋىلسون تەتىقات مەركىزى يېقىندا «سوغۇق ئۇرۇش» دەۋرىگە دائىر يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلغان.

بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى جۇستىن جاكوبسنىڭ «1954 - يىلىدىن 1971 - يىلىغىچە تەيۋەندە پائالىيەت ئېلىپ بارغان سۈرگۈندىكى شىنجاڭ ھۆكۈمىتى» ناملىق تەتقىقات دوكلاتى ئالاھىدە دىققەت چېكىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى چاغدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى سىستېمىسىدا خىزمەت قىلغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ۋە قازاقلار 1949 - يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن ھىندىستاننىڭ كەشمىر رايونىغا قېچىپ چىققان. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى مۇھەممەت ئەمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنلەرگە ئەگىشىپ، 1950 - يىللارنىڭ باشلىرىدا تۈركىيەگە بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. ئەمما يولۋاسبەگ باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە قازاقلار تەيۋەنگە بېرىپ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قوشۇلغان.

ئۇزۇن ئۆتمەيلا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەيۋەندە «سۈرگۈندىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسى» قۇرۇپ، يولۋاسبەگنى رەئىس قىلغان. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا تۈركىيەدىكى مۇھەممەت ئەمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنلەرگە كۆپ قېتىم مەكتۇپ ئەۋەتىپ ئۇلارنى تەيۋەنگە كېلىشكە ئۈندىگەن. گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پىلانى ئىشقا ئاشمىغاندىن كېيىن، يولۋاسبەگ باشچىلىقىدىكى بىر ئۆمەكنى ئوتتۇرا - شەرققە ئەۋەتىپ، بۇغرا ۋە ئالپتېكىنلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى توسۇشقا ئۇرۇنغان.

تەتقىقاتچى جۇستىن جاكوبسنىڭ مەزكۇر دوكلاتىدا يولۋاسبەگ بىلەن مۇھەممەت ئەمىن بۇغرا ۋە ئەيسا ئەپەندىلەرنىڭ ئۆز - ئارا يېزىشقان بىرقانچە پارچە مەكتۇبى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كېلەچىكى ھەققىدىكى تارتىشمىلىرى ئورۇن ئالغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر دوكلات ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى بىر قىسىم تۈگۈنلەرنى بىلىشتە مۇھىم يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.