تەيۋەن مەمۇرى مەھكىمىسى 5-سېنتەبىر خىتايدا زىيارەت ياكى تىجارەتتە بولۇۋاتقان تەيۋەن پۇقرالىرىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «شىنجاڭدا ئورۇنلاشتۇرغان» پائالىيەتلىرىگە قاتناشماسلىقنى ئاگاھلاندۇرغان.
تەيۋەن مەمۇرى مەھكىمىسىنىڭ مۇۋەققەت ئايال باياناتچىسى جۇلىيا شيې 5-سېنتەبىر پەيشەنبە كۈنى چاقىرغان ئاخبارات يىغىنىدا، تەيۋەنلىكلەرنىڭ خىتايدا ساياھەت ۋە تىجارەت قىلىشىغا قارشى ئىكەنلىكى، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى يوشۇرۇشتا تەيۋەنلىكلەردىن پايدىلانماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
«تەيبېي ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇلىيا شيې تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭنىڭ تەيۋەنلىك تور ئاكتىپلىرى ۋە تىجارەتچىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىغا ئائىت بېيجىڭغا پايدىلىق مەزمۇنلارنى تارقىتىش ۋە رايونغا مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. جۇلىيا شيېنىڭ تەيۋەنلىكلەرنى خىتايدا ساياھەتتە بولۇش ۋە تىجارەت قىلىشنىڭ «يوشۇرۇن شەخسىي خەۋپى ۋە ئوبرازىغا يەتكۈزىدىغان زىيىنى» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
جۇلىيا شيېنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە تەيۋەن ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ۋەزىيەتنى ئەتراپلىق باھالىماقتا ئىكەن. تەيۋەن مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشى، بىر تەيۋەن تىجارەتچىلەر ئۆمىكىنىڭ 19-سېنتەبىر ئۇيغۇر ئېلىدا زىيارەتتە بولماقچى بولۇۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان.
«تەيبېي ۋاقتى» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بىر نەپەر تەيۋەن دۆلەت خەۋپسىزلىك ئەمەلدارى سابىق تەيۋەن پىرېزىدېنتى ما يوڭجيۇ دەۋرىدە «تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق كومىتېتى» نىڭ ئەزاسى بولغان بىر سابىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ تەيۋەن مەبلەغ سالغۇچىلىرىنى باشلاپ 19-سېنتەبىر ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. خەۋەردە، بۇ ئەمەلدارنىڭ خىتاي خەلقئارادىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە ئۇنىڭ رۇسىيەگە ياردەم بېرىشىگە قارشى سادالاردىن قېچىش ئۈچۈن، ئۆتكەن ئايدىن باشلاپ تەيۋەن سودا ئۆمەكلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولۇشقا تەشكىللەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. بۇ ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ مەقسىتى تەيۋەن كارخانىچىلىرى ئارقىلىق «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى» نىڭ كېلىش مەنبەسىنى يوشۇرۇش ۋە رايوننىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشىغا مەبلەغ جەلپ قىلىش ئىكەن.