تەيۋەن دائىرىلىرى خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان ئاخباراتچىلىقىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئەيىبلىدى


تەيۋەن دائىرىلىرى خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان مەخپىي ئاخباراتچىلىق، يەنى ئىستىخبارات ئىشلىرىنى ئۆتكەن يىلى دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيىسى ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن، يەنى مەزكۇر پارتىيەدىن چىقان سەي يىڭۋېن پرېزىدېنتلىققا سايلانغاندىن كېيىن ئاشۇرغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرستىلىشىچە، تەيۋەن قانۇن پالاتاسى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ دىڭيۈ «خىتاي كوممۇنىست جاسۇسۇلىرى ئىلىم ئەربابى ۋە سودىگەر سالاھىيىتىگە كىرىۋېلىپ، تەيۋەنگە سىڭىپ كىردى» دېگەن، ئۇ يەنە «بېيجىڭ تەيۋەن جەمىيىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا قالايمىقانچلىق پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ» دەپ ئېيتقان. ئۇ، چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەيۋەننىڭ دۆلەت مۇداپىئە، ھەربىي، ئىستىخبارات ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا سىڭىپ كىرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

لېكىن، ئۇ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇر مەنبەلىرىنى ئاشكارىلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئەيىبلەشلىرىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى نامەلۇم.لېكىن ئىلگىرىمۇ مۇنداق قاراشلارنى رەت قىلغان شۇنىڭدەك تەيۋەن مۇستەقىللىقىگە قەتئىي يول قويماسلىق ۋە قارشى تۇرۇش پوزىتسىيەسىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلمەكتە.