CIA نىڭ باشلىقى بۇرنىس: «خىتاي بىر نەچچە يىل ئىچىدە تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن»

ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ باشلىقى ۋىليام بۇرنىس، خىتاينىڭ بىر نەچچە يىل ئىچىدە تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىنلىكىنى، شى جىنپىڭنىڭ تەيۋەننى ئېلىشنى قارار قىلغانلىقى، لېكىن ھۇجۇمغا ئۆتۈشتىن بۇرۇن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھەربىي كەمتۈكلىكلىرىدىن ساۋاق ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «ۋاشىنگتون ۋاقتى»، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» قاتارلىق گېزىتلەرنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋىليام بۇرنىس بۇ سۆزلەرنى 20-ئىيۇل ئامېرىكانىڭ كولورىدا شتاتىدىكى ئاسپېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئاسپېن بىخەتەرلىك مۇنبىرى» يىغىنىدا ئېيتقان. ۋىليام بۇرنىسنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق تەيۋەننى ئىگىلەش نىيىتىنى سەل چاغلىمايدىكەن.

نۆۋەتتە، خىتاينىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە نۇرغۇن غەرب پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن، بىراق خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك «ئىلگىرىكى رەھبەرلەر قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقاردى» دەپ مەدھىيەلەنگەن رەھبىرى شى جىنپىڭ، «خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى» نىڭ خىتاي دېڭىز قىرغىقىدىن 100 دېڭىز مىلى يىراقلىقتىكى تەيۋەنگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاجاۋۇز قىلىش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتىكەن.

ۋىليام بۇرنىس سۆزىدە: «مېنىڭچە ‹تاجاۋۇزچىلىق› خەۋپى تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى. بۇ بىزگە كەلگۈسى 10 يىلدا تېخىمۇ يېقىنلىشىدىغاندەك كۆرۈنمۈكتە» دېگەن.

ئ‍وخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە ئەنگلىيە ھەربىي ئىستىخبارات ئىدارىسى MI6 نىڭ باشلىقى رىچارد مورمۇ خىتاينىڭ، ئىستىخبارات خىزمىتىدىكى ئەڭ ئالدىنقى مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى ئېيتقان. رىچارد مورنىڭ 21-ئىيۇل «ئاسپېن بىخەتەرلىك مۇنبىرى» يىغىنىدا ئېيتىشىچە، «خىتاي مەسىلىسىنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى تېررورلۇق تەھدىتىدىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشىنى ھۆكۈم قىلىشقا ھازىر بالدۇرلۇق قىلسىمۇ، بىراق غەرب ئۇنىڭغا كۈچ كۆرسىتىشى ۋە ئېنىق سىگنال بېرىشى كېرەك» ئىكەن. پرېزىدېنت بايدېن يېقىندا، ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا، ئامېرىكانىڭ قوراللىق ئارىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.