خىتاي تەيۋەنگە تەھدىت سالغان، تەيۋەنمۇ بوش كەلمىگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.08.08

خىتاي ئارمىيەسى تەيۋەن ئەتراپىدىكى ھەربىي مانېۋىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە تەيۋەنمۇ خىتاينىڭ تەھدىت ۋە بېسىملىرىغا ھەرگىز باش ئەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بولومبېرگ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئارمىيەسى خىتاي بىلەن كورېيە يېرىم ئارىلىنى ئايرىپ تۇرىدىغان سېرىق دېڭىزنىڭ جەنۇبىدا بومبا ئېتىش مانېۋىرى ئېلىپ بارىدىكەن ۋە بۇنى 8-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە داۋاملاشتۇرىدىكەن. خىتاي دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىكى يەنە تەيۋەننىڭ ئەتراپنى رازۋېدكا قىلىش ئۈچۈن تەيۋەن ئارىلىغا يېقىن جايغا ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان (درون) ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەيۋەن تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 7-ئاۋغۇست كۈنى خىتاينىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرى 66 قېتىم تەيۋەن ھاۋا بوشلۇقى ئەتراپىدا پەيدا بولغان، 22 قېتىم غەربىي جەنۇب ھاۋا مۇداپىئەسى پاسىلىدىن ئۆتكەن. تەيۋەن بوغۇزى يېقىنلىرىدا خىتاينىڭ 14 ھەربىي پاراخوتى بايقالغان. خىتاينىڭ بۇ مانېۋىرلىرى تەيۋەن ئارىلى ۋە كېمىلىرىگە تەقلىدىي ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرىنى ئالغان.

تەيۋەن باش مىنىستىرى سۇ زېڭچاڭ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى زوراۋانلىق بىلەن ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىپ، بۇ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى بۇزماقچى. بىز ئۇلارنىڭ بېسىمىغا ھەرگىز باش ئەگمەيمىز. بىز ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنى ئۇلۇغلايمىز. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، تەيۋەن خەلقى خىتاينىڭ ئىشىكىمىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ».

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىغا خىتاينىڭ رايون تىنچلىقىنى بۇزىدىغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە بولۇۋاتقانلىقى بىلدۈرگەن ھەمدە «تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تىنچ ئۇسۇلدا ھەل قىلىش كېرەك، پۈتۈن دۇنيا ھازىر بۇ نۇقتىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ» دېگەن.

CNN تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئانتونى بىلىنكېن 6-ئاۋغۇست كۈنى فىلىپپىننىڭ يېڭى پرېزىدېنتى فېردىناند ماركوز (Ferdinand Marcos) بىلەن كۆرۈشكەندە، فىلىپپىن ئەگەر جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قالسا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ فىلىپپىننى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە تەيۋەنگە تەھدىت سېلىۋاتقان خىتايغا بۇ سۆز ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.