تاجىكىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرى 200 دىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتقۇن قىلغان بولۇپ، ئۇلارنى تاجىكىستاندا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش پىلانىغا قاتناشقان دەپ گۇمان قىلىنغان. پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تاجىكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى رامىزان رەخىمزادەنىڭ 25-يانۋار كۈنى ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئادەملەر ئۆتكەن يىلى 9-ئايدىكى سىياسى ئۆزگىرىش قىلىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ 11 نەپىرى ئۆزلىرىنى مەلۇم قىلغانلار ئىكەن.
تاجىكىستاننىڭ «ئاسىيا پىلۇس» ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، مەزكۇر تۇتقۇن قىلىنغانلار ئۈستىدىن جىنايى دېلو تۇرغۇزۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ماتېرىياللىرى تاجىكىستان ئالىي سوتىغا يوللاپ بېرىلگەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە ئۆتكەن يىلى 9-ئاينىڭ باشلىرىدا تاجىكىستان مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئابدۇخەلىم نازارزادە سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ نەتىجە قازىنالمىغان ئىدى. ئۇنىڭ قوراللىق گۇرۇپپىسى يوشۇرۇنۇۋالغان ئىدى. ھۆكۈمەت كۈچلىرى ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا 38 نەپەر نازارزادە ئەگەشكۈچىسىنى يوقاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
تاجىكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى رەھىمزادە تاجىكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ 903 نەپەر تاجىكىستانلىق ئۈستىدىن خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقى ۋە ئۇلارنى ئەسەبىيلىك، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلاردا ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 2015-يىلى تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىدە 835 تېررورلۇققا ئالاقىدار جىنايەت قىلمىشى پاش قىلىنغان بولۇپ، 247 ئادەمگە رەسمىي جىنايەت تۇرغۇزۇلغان.
ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا تاجىكىستان ھۆكۈمىتى تاجىكىستاندا يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى، تاجىكىستان ئىسلام گۈللىنىش پارتىيەسىگە باغلىغان بولۇپ، ھۆكۈمەت بۇ تەشكىلاتنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئاتىغان ئىدى.
مەزكۇر ۋەقە ۋە بۇ ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقى زىممىسىگە ئارتىلغان ئابدۇخەلىم نازارزادە تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان بولۇپ، مەزكۇر ۋەقە ھەم مەزكۇر شەخس ھەققىدە بىر مەھەل كۆپ ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.
تاجىكىستاندا سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن بىر قېتىم كەڭ كۆلەمدە ئىچكى ئۇرۇش، يەنى ئىسلامى گۇرۇپپا بىلەن ھاكىمىيەت ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلاپ كۆپ ئادەم ئۆلگەن ۋە كۆپ ئادەم رۇسىيە ھەم باشقا قوشنا ئەللەرگە مۇساپىر بولغان ئىدى. پرېزىدېنت ئېمام ئېلى راخمان ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تاجىكىستاننى ئىدارە قىلماقتا.