خىتاي بىلەن تاجىكىستان بىرلىكتە «تېرورلۇققا قارشى بىرلەشمە مانېۋىر» باشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بىلەن تاجىكىستان ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بۇ مانىۋېر ئىككى كۈن داۋام قىلىدىكەن.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تالىبانلار ئافغانىستاننى ئىگىلەپ 3 كۈندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مانىۋېر، خىتاينىڭ رايوندىكى بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى نامايەن قىلىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى «دىنىي ئەسەبىي گۇرۇپپىلار» ۋە «تېرورچىلار» نىڭ چېگرادىن ئۆتۈپ ئۇيغۇر رايونىغا كىرىشىدىن، شۇنداقلا خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا خەۋپ تۇغدۇرۇشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرىنىڭ مىنىستېرى جاۋ كېجى بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا: «بىرلەشمە مانېۋىر خىتاي-تاجىكىستان ئىككى تەرەپنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈچلىرىنىڭ ماھارەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىدۇ ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى نامايان قىلىدۇ،» دېگەن. ئىككى تەرەپ يەنە تەشكىللىك جىنايەتلەرگە قارشى تۇرۇش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە يۇقىرى ساپالىق خادىملارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كېلەر ئايدا تاجىكىستان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ بۇ يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپلىرىدىن بىرى بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتىكەن.
چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن تالىبان كۈچلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇشقا كىرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقى مەسىلىسىدە يەنىلا تالىباندىن داۋاملىق ئەندىشە قىلىدىكەن.
ھالبۇكى، ئافغانىستان دائىرىلىرى تېخى ئالدىنقى ئايدا ئافغانىستاندا 10 نەپەر خىتاي جاسۇسىنى قولغا چۈشۈرگەن ئىدى. ئۇلار بۇ خىتاي جاسۇسلىرى ئىچىدە ئىككى نەپىرىنىڭ تالىبانغا تەۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى «ھەققانىيەت تورى» بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، بۇ 10 نەپەر خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئافغانىستاندا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» دىن ئىبارەت بۇ ساختا تەشكىلاتنى پەيدا قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.