تاجىكىستان خىتاينىڭ 6 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىدىن خوش بولماقتا


11 - 13 - سېنتەبىر كۈنلىرى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تاجىكىستان زىيارىتى جەريانىدا ئۇ تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمام ئالى راخمان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئايرىم ھەمكارلىقلىرى بويىچە بىر قاتار كېلىشىملەرگە كەلدى.

شى جىنپىڭ دۈشەمبىدە يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە پۇتىن قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

تاجىكىستاننىڭ دۆلەتلىك ئاسىيا - پلۇس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمام ئالى راخمان بىلەن شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم قولغا كەلتۈرگەن زور ئۇتۇقى خىتاينىڭ كەلگۈسى ئۈچ يىل ئىچىدە تاجىكىستان ئىقتىسادىغا 6 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشىدۇر. ئىمام ئالى راخمان 13 - سېنتەبىر كۈنى تاجىكىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى «مەركىزىي ئاسىيا - خىتاي» تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشىنى باشلاش مۇراسىمىدا بۇ كېلىشىمنى جاكارلىغان.

ئىمام ئالى راخمان خىتاي سالماقچى بولغان 6 مىليارد دوللار مەبلەغ بىلەن بۇ جۇمھۇرىيەتتە كۆپلىگەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تاجىكىستانلىقلار خىتاي بىلەن بولغان مەزكۇر ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلار، بولۇپمۇ خىتاينىڭ قىسقىغىنا ئۈچ يىل ئىچىدە تاجىكىستان ئىقتىسادىغا مۇنداق زور مەبلەغ سېلىشىدىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، «مەركىزىي ئاسىيا - خىتاي» تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ تاجىكىستاندىكى قىسىمى 400 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش ئۈچ يىل ئىچىدە پۈتتۈرىلىدۇ ھەمدە قۇرۇلۇشنى خىتاي زېممىسىگە ئالىدۇ ۋە تاجىكىستان شىركەتلىرىمۇ قاتناشتۇرىلىدۇ. مەزكۇر تۇرۇبا تۈركمەنىستاندىن باشلىنىپ، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستان ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىغا تۇتاشتۇرىلىدۇ. چۈنكى، خىتاي بىلەن تۇركمەنىستان يىلىغا 30 مىليارد كۇب مېتىر تەبىي گاز يەتكۈزۈش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى.