يېقىندا بىر ئۇيغۇر تورداش ئۈرۈمچىدىكى تاكسىى شوپورلىرىنىڭ ئايرىمچىلىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى تاكىسىغا ئالمايۋاتقانلىقىنى ۋېيبو تورىدا ئىنكاس قىلىپ، قاتتىق جامائەت پىكرى پەيدا قىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر تاكسى ئاپتوموبىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇل خادىمى ئۆزلىرىنىڭ ۋەقەنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.
ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر تورداش ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدىكى تۈمەنجىڭ كۆۋرۈكى يېقىنىدا بىر تاكسى شوپۇرىنىڭ يول بويىدا تاكسى ساقلاپ تۇرغان ئۇيغۇر بوۋايغا پەرۋا قىلماي ئۆتۈپ كېتىپ، ئۇنىڭدىن 10 مېتىر نېرىدا تۇرغان خىتايلارنى تاكسىىغا ئالغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن دەرھال بۇ كىرا ئاپتوموبىلىنى پىلاكاتى بىلەن قوشۇپ رەسىمگە تارتىۋالغان. ئۇ، بۇنى ئالاقىدار ئورۇنلارغا مەلۇم قىلىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ، دەرھال ئۈرۈمچى شەھەرلىك يولۇچى توشۇش باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن.
شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر تورداش ئەھۋالنى ۋېيبو تورى ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئاشكارىلىغان. بۇ خەۋەر ۋېيبو تورىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ۋە قوللاشقا ئېرىشكەن. تېمىغا ئىنكاس قايتۇرغۇچىلارنىڭ كۆپى ئۆزلىرىنىڭمۇ بۇ خىل ئەھۋالغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. نەتىجىدە، مەزكۇر تاكسى شوپۇرىنى ياللاپ ئىشلىتىۋاتقان شېركەتنىڭ مەسئۇلى ئۆزلىرىنىڭ ۋەقەنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.
خىتاي تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئايرىمىچىلىق قىلىشىتەك ئەھۋاللار ئىلگىرىمۇ يۈز بەرگەن. بولۇپمۇ 2009 - يىلىدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپىيىپ، ئۇيغۇرلار قارا تاكسى دەپ ئاتالغان ئاپتوموبىللارنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارىماقتا.