تالىبانلار تەرىپىدىن بەش يىل ئەسىرلىكتە تۇتۇپ تۇرۇلغان بىر نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى قويۇپ بېرىلگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ سېرجانتى بوۋې بېرگداھل قاتار ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاسىتىچىلىقى بىلەن تەرەپلەرنىڭ كۆپ قېتىملىق سۆزلىشىش ئېلىپ بېرىشى نەتىجىسىدە قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپمۇ گۇئەنتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان 5 تۇتقۇننى قويۇپ بەرگەن، مەزكۇر بەش نەپەر تۇتقۇننىڭ ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئەمەسلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ۋە ئۇلارنىڭ بىر يىلغىچە قاتاردىن ئايرىلماسلىقى بېكىتىلگەن.
مەزكۇر ئەسكەر قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن بولۇپ، سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى ئىكەن. ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشدىن كېيىن، پرېزىدېنت ئوباما ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىنى ئاق سارايدا قوبۇل قىلغان.
پرېزىدېنت ئوباما قاتار ۋە ئافغانىستان دىپلوماتلىرىنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا رەھمىتىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئەسكىرى بوۋې بېرگداھل 2009 - يىلى، 6 - ئايدا ئافغانىستاندا تالىبانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.