تالىبان خىتاينىڭ ئافغانىستانغا دوست دۆلەت ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.07.12

ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشكە باشلىشى بىلەن ئافغانىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى ئىگىلەشكە باشلىغان تالىبانلار «خىتاينىڭ ئافغانىستانغا دوست دۆلەت ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تالىبانلار «ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنىڭ ئافغانىستانغا كىرىشىگە يول قويمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە «خىتاي بىلەن ئافغانىستاننىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشنى مۇزاكىرە قىلىش ئارزۇسى» نىمۇ بىلدۈرگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى سۇخايىل شاھېن: «بىز خىتايغا كۆپ قېتىم باردۇق، ئۇلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋىتىمىز بار. خىتاي دوستانە دۆلەت، بىز ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارشى ئالىمىز. ئەگەر خىتاينىڭ سالغان مەبلىغى بولسا، بىز ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز» دېگەن. خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، تالىبان باياناتچىسى «ئەل-قائىدىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق تېررورلۇق گۇرۇھىنى ئافغانىستاندا چەكلەيدىغانلىقى» نى ئېيتقان.

خەۋەردە خىتاينىڭ تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاننى ئىگىلىشى بىلەن ئافغانىستان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ بازىسىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، بىراق مۇتەخەسسىسلەر «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتنىڭ ئافغانىستاندا مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە جىددىي گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى بۇ تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئائىت يېتەرلىك پاكىت يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنى ئامېرىكانىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.