خىتاي تەرەپ تالىبانلار بىلەن ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسى ھەققىدە «ئۈنۈملۈك» سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن

«ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن خىتاينىڭ كابۇلدىكى ئەلچىخانىسىدا سۆھبەتلەشكەن. سۆھبەتتىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى تالىبان تەرەپ بىلەن «ئوچۇق ۋە ئۈنۈملۈك» سۆھبەتلەشكەنلىكى ھەمدە مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ سۆھبەتتە، خىتاينىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ يۈ بىلەن تالىبان ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇسالام ھەنەفىنىڭ نېمىلەرنى دېيىشكەنلىكى نامەلۇم بولسىمۇ، خىتاي تاشقىي ئىشلار باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر تالىباننى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى ئورتاق مۇزاكىرە قىلىدىغان ھۆكۈمەت دەپ تونۇيدىكەن. خىتاينىڭ كابۇلدىكى ئەلچىخانىسى ھەر ۋاقىت ئوچۇق بولۇپ، تالىبان ۋەكىللىرى خىتاي تەرەپ بىلەن خالىغان چاغدا سۆھبەت، مۇزاكىرە ئېلىپ بارلايدىكەن.

خىتاي تاشقىي ئىشلار باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 25-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «بىز ئافغانىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىمىز، ئافغانىستاننىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلاشمايمىز، ئافغانىستان بىلەن ئىناق قوشنىدارچىلىق ئورنىتىمىز ۋە بۇ مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز، ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقى ۋە قايتا گۈللىنىشى ئۈچۈن بەرپاچىلىق رول ئوينايمىز».

تالىبان كۈچلىرى ئافغانىستاندا ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشتىن بۇرۇن، تالىبان رەھبىرى موللا ئابدۇلغەنى بۇرادەر ئالدىنقى ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنسىتىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەنىدى.

ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئافغانىستاننىڭ ۋەزىيىتى تېخى تولۇق مۇقىملاشمىغان ئەھۋالدا، خىتاي ۋەكىللىرى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ بۇنداق قىزىپ كېتىشى خىتاينىڭ بۇ رايوندا تەسىر كۈچى ئەڭ زور دۆلەتكە ئايلىنىش قارا نىيىتىنى بىلدۈرىدىكەن. بۇ سۆھبەتلەردە يەنە خىتاي بىلەن تالىباننىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە قانداق شۇملۇقلارنى پىلانلاۋاتقانلىقى تېخى نامەلۇم بولسىمۇ، تالىباننىڭ بۇ دۆلەتتە قاپسىلىپ قالغان ئۇيغۇرلارنى كوزېر قىلىپ پايدىلىنىدىغانلىقى ۋە نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بەدىلىگە ئۇلارنى ئاز-ئازدىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن.