ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېرىم ئىشلەپچىقىرىش-يېرىم قوراللىق تەشكىلاتى بولغان «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نىڭ ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلغان چىلانلىرىنى تۇتۇپ قالغان. بىڭتۇەن ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىغان شەخس ۋە شىركەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزگەن جازالاش تەدبىرلىرىدىكى نىشانلىق خىتاي دۆلەت ئاپپاراتى بولۇپ، ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى قانۇنى» نىڭ نۇقتىلىق چەكلەش نىشانلىرىنىڭ بىرىدۇر.
ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ 5-دېكابىر ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر ئورگاننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى بويىچە مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئانالىزچىلىرى يېقىندا ئامېرىكانىڭ نېۋجېرسېي شتاتىدىكى نېۋارك پورتى، كالىفورنىيەنىڭ لوس-ئانجېلىس ۋە ئوكلاند پورتلىرىدىن بىڭتۇەن ئىشلەپچىقارغان چىلان مەھسۇلاتلىرىنى كىرىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، ئۇنىڭغا قارىتا دەرھال تەدبىر قوللانغان. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىدىكى ئانالىزچىلار، چىلان مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىڭتۈەندە ئىشلەپچىقىرىلغان بولسىمۇ، لېكىن باشقا جايدا قاچىلىنىپ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان.
مەزكۇر ئورگاننىڭ ئۇقتۇرۇشىدا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتى ئامېرىكا بازىرىدا سېتىلىۋاتقان چىلانلارنىڭ كېلىش مەنبەسىگە بولغان دىققىتىنى قوزغىغان.
«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» دوكلاتىدا ئامېرىكا دۇكانلىرىدا سېتىلىۋاتقان چىلانلارنىڭ بىڭتۈەندە ئىشلەپچىقىرىلىپ ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىنغانلىقىغا دائىر دەلىللەرنى ئاشكارىلىغانىدى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا نۇرغۇن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ چىلانلىق باغلىرىنى تارتىۋېلىپ، خىتاي كارخانىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. دېھقانلارنىڭ ئۆزلىرىنى بۇ چىلانلىق باغلاردا ياكى باشقا خىتاي كارخانىلىرىدا ئىشلەيدىغان مەجبۇرىي ئىشلەمچىلەرگە ئايلاندۇرغانىكەن.
